تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

ئېرى سىرتقا قاراپ قالسا، ئايالى باشقىلارغا ئەمەس، ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك

  نۇرغۇن ھاللاردا مۇنداق مەسلىھەت سورىغۇچىلارغا ئۇچراپ تۇرىمىز: ئېرى سىرتقا قاراپ قالسا، ئاياللار قاتتىق ئازابلانغان ھالدا پىسخىك مەسلىھەت ئورنىغا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى ئېرىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىش.

  ئاياللار ئالدى بىلەن ئېرىنىڭ پىسخىكىلىق ئېھتىياجىنى چۈشەنمىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ ھەم پىسخىكا دوختۇرىدىن «مېنىڭ ئېرىم نېمە ئويلايدىغاندۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئەمەلىيەتتە يوشۇرۇن ئېڭىدا ئېرىنى ئەيىبلەيدۇ ھەم ئېرىدىن گۇناھىنى بوينىغا ئېلىشنى كۈتىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، نىكاھ بىر تۇخۇمغا ئوخشايدۇ. يېرىق بولغاندىن كېيىن 3-شەخىسنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ. ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا ماجىرالار، يەنى ھېسسىياتنىڭ ئاجىزلىشىشى، ئۆزئارا كۆيۈنۈشنىڭ كەمچىللىكى، كۈندىلىك ئۇششاق ئىشلارغا بەك ئېسىلىۋېلىش، بالا تەربىيەلەشتە بىردەكلىك بولماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەتنىڭ سەۋەبچىسى بولۇپ قالىدۇ. بۇ سەۋەبلەر كىمنىڭدۇر مەسئۇلىيىتى ئەمەس.

  ئۇنىڭدىن باشقا، «ئېرىم نېمە ئويلايدىغاندۇ» دەيدىغان ئاياللارنىڭ ئېرى بىلەن بولغان قەلب رىشتىسى چوڭقۇر ئەمەس. «ئېرىم نېمە ئويلايدىغاندۇ»لىقىنى پىسخىكا دوختۇرىدىن سوراش ئاقىلانىلىك ئەمەس، چۈنكى پىسخىكا دوختۇرى ئۇنىڭ ئېرى ئەمەستە، يەنە كېلىپ دوختۇر ئۇنىڭ ئېرىنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى قانداق بىلسۇن؟ چەت ئەللەردە مۇنداق پىسخىكا مەسلىھەتىگە خوتۇنى يالغۇز كەلسە، دوختۇر ئۇلارنى قوبۇل قىلمايدۇ. چوقۇم ئەر-ئايال بىللە كېلىشى كېرەك.

  ئەگەر خوتۇنى جاھىللىق بىلەن ئېرىنىڭ «نېمە ئويلايدىغان»لىقىنى بىلمەكچى بولسا، ھەقىقىي ئۇچۇرغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇ ئۆيگە قايتىپ ئېرىنى داۋاملىق «سوراق» قىلىۋەرسە، بەلكىم يالغان راستقا ئايلىنىپ، ئېرى راستلا باشقا بىر قىز بىلەن كۆرۈشكىلى چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر خوتۇنى ئېرى بىلەن سەمىمىي پىكىرلەشسە، ئېرىنى ھەددىدىن ئارتۇق ئەيىبلىمىسە، ئەپۇچانلىق بىلەن ئېرىنى قوبۇل قىلسا، بەلكىم ئىشلاردا زور ياخشىلىنىش بولۇشى مۇمكىن.

«بەختلىك ئائىلىنىڭ سىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

پىراكتىكانت سۈرىيە راشىدىن تەييارلىغان       

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى