تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

16-نويابىر ئۈرۈمچىدە ئازراق ياكى ئوتتۇراھال قار يېغىپ رەسمىي قىش بولىدۇ

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: باش قىش كىرىپلا ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋارايىدا ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بۇ بىر قانچە كۈندە ئاسماننى بۇلۇت قاپلاپ، سوغۇق شامال چىقىشقا باشلىدى، ئاز بولمىغان كىشىلەر قىشلىق كىيىملىرىنى كىيىۋالدى. 16-نويابىر ياغىدىغان ئازراق ياكى ئوتتۇراھال قارنىڭ تەسىرىدە ئۈرۈمچىدە رەسمىي قىش كىرىدىغان بولۇپ، تېمپېراتۇرامۇ بارا-بارا چۈشىدىكەن.

  مېتېئورولوگىيە مۇتەخىسىسلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھاۋارايى ئاتموسفېرا ئايلانما ئېقىمىنىڭ تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ مەزگىلدە سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ھەرىكىتى بارا-بارا جانلىنىپ، قار-يامغۇر كۆپ يېغىشقا باشلايدىكەن، تېمپېراتۇرامۇ بارغانسېرى چۈشىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تارقاتقان بىر ھەپتىلىك ھاۋارايىدىن بېرىلگەن ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى مەركىزىي شەھەردە كۆرۈنەرلىك قار-يامغۇر يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن.

  مۆلچەرلىنىشىچە، 16-نويابىر چۈشتىن كېيىندىن كېچىگىچە، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا يامغۇر ئارىلاش قار ياكى ئوتتۇراھال قار ياغىدىكەن، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ۋە تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق قار ياغىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى