شتېپسېل، ۋىكليۇچاتېل، ئىشىك قۇلۇپى، دومىلىما چاق، ئەينەك قاتارلىق كۈندىلىك بۇيۇملار ھەر بىر ئۆيدە بار بولۇپ، نۇرغۇن ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارغا بۇ نەرسىلەرگە تەگمەسلىكىنى تاپىلايدۇ. ئەگەر سىز بالىڭىزنىڭ سىناپ بېقىشىغا قويۇپ بەرسىڭىز، ئۇنىڭدا يەنە يېڭىلىق تۇيغۇسى بولامدۇ؟ ئەگەر بىر كۈنلەردە بالىڭىز ئۆيدە سولىنىپ قالسا، سىزنىڭچە ئۇ ئۆزى چىقالامدۇ؟ بالا تەربىيەسىدە ئۇنى قىلما، بۇنى قىلما دەپ بالىلارنى چەكلەپ قويساق بولمايدۇ. ئۆيدىكى تاشلاندۇق نەرسە-كېرەكلەردىن ياسالغان ئويۇنچۇق بالىلارنىڭ كىتابتا كۆرگەنلىرىگە قارىغاندا ئەمەلىي ئۇچراشقىنىنىڭ ئەھمىيىتى زور. قېنى بىز بۇ قولدا ئىشلەنگەن ئويۇنچۇقلارنى بىرلىكتە ئۆگۈنەيلى!
رەسىمدىكىسى سىز ئويلاپ باقمىغان، ئۆيىڭىزدىكى تاشلاندۇق بۇيۇملاردىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاددىي، ئەمەلىيەتچان ئويۇنچۇقلاردۇر. بالىلار ئويناش جەريانىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگۈنەلەيدۇ، ئۇلار قىزىقىش جەريانىدا بۇ نەرسىلەرنى ئۆزى بېرىپ تۇتۇپ سىناپ باقىدۇ. بۇ خەتەرى تۆۋەن ئويۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىزىقىش تۇيغۇسىنىمۇ قاندۇرالايدۇ .