تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

«قوش11» كۈنىدە ئۈرۈمچىدە توردىن مال سېتىۋېلىش سودا سوممىسى 555مىليون 200مىڭ يۈەنگە يەتتى

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: «ئەلى بابا» گۇرۇھى 12-نويابىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، «قوش 11» كۈنىدە ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىنىڭ توردىن مال سېتىۋېلىش سودا سوممىسى 555 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29 ئېشىپ، شۇ كۈنىدىكى شىنجاڭ بويىچە توردىن مال سېتىۋېلىش ئومۇمىي سودا سوممىسىنىڭ %40 ىگە يېقىنلاشقان.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل «قوش 11» كۈنىدە شىنجاڭلىقلارنىڭ تور سودىسى سوممىسى 1 مىليارد 447 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سېتىۋالغان تاۋارلارنىڭ سودا سوممىسى 1 مىليارد 382 مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31 ئاشقان؛ سېتىپ چىقارغان تاۋارلارنىڭ سودا سوممىسى 65 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53 ئاشقان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىنىڭ توردىن مال سېتىۋېلىشى يىلدىن-يىلغا ئاشقان. 2015-يىلىدىكى «قوش 11» كۈنىدە ئۈرۈمچىنىڭ تور سودىسى سوممىسى 338 مىليون يۈەنگە يەتكەن، 2014-يىلىدىكى «قوش 11» كۈنىدىكى تور سودىسى سوممىسى 267 مىليون يۈەن بولغان، 2013-يىلى 193 مىليون يۈەن، 2012-يىلى پەقەت 90 مىليون يۈەن بولغان.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ تور سودىسى سوممىسى تىزىملىكىدە ئۈرۈمچى شەھىرى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسىلا ئىلى ئوبلاستى، بايىنغولىن ئوبلاستى، سانجى ئوبلاستى ۋە قاراماي شەھىرى ئىكەن.

  شىنجاڭدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى چېن بىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈرۈمچى، ئىلى ئوبلاستى، بايىنغولىن ئوبلاستى شىنجاڭدىكى تور ئىستېمالى جەھەتتە ئەڭ جانلىق بولغان ئۈچ جاي ھېسابلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى