تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى يارقىن نۇقتىلارغا نەزەر

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن بەرگەن دوكلاتىدا ۋەزىيەت مۆلچەرلەنگەن، يىراق كەلگۈسى كۆزلەنگەن بولۇپ، ئۇ پارتىيەمىزنىڭ چوقۇم ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسىدۇر. دوكلاتتا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي تەدبىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىش چاقىرىق قىلىندى.

 بۈگۈن بىز شىنخۇا تورى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، دوكلاتنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈش، يېشىپ بېرىش مەقسىتىدە ئىشلىگەن «19-قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ يارقىن نۇقتىلىرىغا نەزەر» ماۋزۇلۇق فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

  - مۇھەررىردىن

  ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش

  ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم

  تۆت ئومۇميۈزلۈك

  سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە

  سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش

  دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش

  خەلقنى مەركەز قىلىش

  يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى

  ئادىل، ھەققانىي بولۇش

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش

  يول ئىشەنچى

  نەزەرىيە ئىشەنچى

  تۈزۈم ئىشەنچى

  مەدەنىيەت ئىشەنچى

  مەخسۇس كۆزىتىش

  يولۋاسقا زەربە بېرىش

  چىۋىننى يوقىتىش

  تۈلكە ئوۋلاش

  بىر بەلباغ، بىر يول

  دۆلەتنىڭ ئومۇمىي خەۋپسىزلىك قارىشى

  «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تا چىڭ تۇرۇش

  ۋەتەننىڭ تىنچلىقىنى، بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

  2035-يىل

  زامانىۋىلىشىش

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلدى

  ...

  بۈگۈنكى كۈندە بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىدىن يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگىمىز.

  تارىخنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى

  ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى

  ئىككى 100 يىل

  ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىش، قۇدرەت تېپىش

  جۇڭگو ئارزۇسى تارىخنىڭ، ئەمەلىيەتنىڭ، شۇنداقلا كەلگۈسىنىڭ ھەم بىز بۇ ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ

  شى جىنپىڭ ج ك پ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  19-قۇرۇلتاي دوكلاتىغا نەزەر

  ئىش ۋۇجۇدقا چىقارمىغۇچە بەل قويۇۋەتمەسلىك كېرەك.

  ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەت ۋە تارىخىي ئۆزگىرىش

  ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 54 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ 80 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، دۇنيا بويىچە مۇقىم 2–ئورۇندا تۇردى.

  60 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدى.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى سىجىل ياخشىلاندى.

  ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىش، قۇدرەت تېپىش

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئۇزاق مۇددەتلىك ئازاب–ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقا، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا ئۆتكەن ئۇلۇغ ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى رېئاللىشىدىغان پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئۇلۇغ گۈللىنىش - جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى تارىخىي بۇرچى

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ داقا – دۇمباق چېلىش بىلەنلا ئاسان ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. پۈتۈن پارتىيە تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ھازىرلىنىشى شەرت.

  يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە ئاساسىي تەدبىرى

  يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ باش ۋەزىپىسى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش لازىم.

  2020-يىلىدىن 2035-يىلىغىچە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  2035–يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە زامانىۋىلىشىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشقان ئاساستا يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دۆلىتىمىز باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

  خەلق خوجايىن بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش لازىم.

  پارتىيە رەھبەرلىكى خەلق خوجايىن بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. خەلق خوجايىن بولۇش سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي ئۇسۇل.

  مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  مەدەنىيەت گۈللەنسە، دۆلەت روناق تاپىدۇ، مەدەنىيەت كۈچەيسە، مىللەت قۇدرەت تاپىدۇ. يۈكسەك مەدەنىيەت ئىشەنچى بولمىسا، مەدەنىيەت گۈللىنىپ راۋاج تاپمىسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ.

  خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىدارە قىلىنىشىنى كۈچەيتىش ۋە يېڭىلاش لازىم.

  پۈتۈن پارتىيە كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسىلىسىنىڭ پارتىيە ۋە ھاكىمىيەتنىڭ خاراكتېرىنى سىنايدىغان سىناق تاش ئىكەنلىكىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى شەرت. خەلقنى يېتەكلەپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش پارتىيەمىز باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلگەن كۈرەش نىشانى.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش لازىم.

  بىز ئېلىپ بېرىۋاتقان زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى.

  ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  2035–يىلىغا بارغاندا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىش، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنياۋى قالتىس ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش لازىم.

  ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››تا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  ‹‹بىر دۆلەتتە، ئىككى تۈزۈم›› تارىختىن قېپقالغان شياڭگاڭ، ئاۋمېن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى لايىھەسى، شۇنداقلا شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى تۈزۈمى.

  ‹‹تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈمنى يولغا قويۇش›› فاڭجېنىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەننىڭ تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىش شەرت.

  تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  بىز ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، تىنچلىق ئۇزاققىچە داۋام قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. پارتىيەنىڭ، ھاكىمىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى ئەلرايىنىڭ مايىل بولۇش – بولماسلىقىغا باغلىق.

  ئالىي غايە كۆڭۈلگە پۈكۈلگەندە جاھان خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ. بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چەكسىز كەڭ دەۋر سەھنىسىگە، مىسلىسىز چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا، تەڭداشسىز قۇدرەتلىك ئىلگىرىلەش ئىرادىسىگە ئىگىمىز.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى