تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەنخۈينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ئون چوڭ تۈرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش مۇراسىمى گۇما ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى

  مۇخبىرنىڭ ئەنخۈي ئۆلكىلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئەنخۈينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ئون چوڭ تۈرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش مۇراسىمى گۇما ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ قېتىم ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان تۈرلەر گۇما ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى، گۇما ناھىيەلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مەركىزى، يېڭى شەھەر رايونى يولۇچى تىرانسپورت تۈگۈنى، ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىنىڭ كەسپىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئۆيى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇنىڭغا جەمئىي 464 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئەنخۇي ئۆلكىسى كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپلەر تەرەققىياتىنى قوللاش، كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىي 2 مىليارد 40 مىليون يۈەن مەبلەغنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردىم بېرىش تۈرلىرىگە سېلىپ، 94 تۈرلۈك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بەرگەن جاينىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن.

  بۇ يىل ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ گۇما ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بەرگەن 42 تۈرىنىڭ ھەممىسىدە ئىش باشلانغان بولۇپ، بۇنىڭغا 229 مىليون يۈەن ئەمەلىي مەبلەغ ئاجرىتىلغان.

پىراكتىكانت ساباھەت ئەركىن تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 71گە قارشى 84نومۇر بىلەن سىچۈەن كوماندىسىنى يېڭىپ، مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى
  • ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات ئۆمىكى كۇچادا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى
  • ئۈرۈمچىدىن تاشكەنتكە بىۋاستە قاتنايدىغان تۇنجى يۈك پويىزى يولغا چىقتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى