تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئاياللار قىش پەسلىدە قېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزىنى قانداق ئاسرىشى كېرەك

  قىش پەسلىدە ھاۋا سوغۇق ھەم قۇرغاق بولۇپ، سىرتتا بولىدىغان پائالىيەتلەرمۇ نىسبەتەن ئاز بولىدۇ، ھەرىكەت ئاز بولغاچقا، بەدەندىكى قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشمۇ ئاستىلايدۇ. قىشتا قەنت، ياغ مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەر كۆپ ئىستېمال قىلىنىدۇ، تاتلىق يېمەكلىكلەر بولسا تېرىدىكى ئاقسىلنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، تېرىنىڭ قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا ئاياللار قىشتا ئاسان قېرىپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا، ئاياللار قىشتا ئۆزىنى قانداق ئاسرىشى كېرەك؟

  كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىش

  تېرىدە سۇ مىقدارى ئازىيىپ كەتكەندە تېرىدە قورۇق تېز پەيدا بولىدۇ. ھەر 1-2 سائەتتە سۇ تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك، قىشتىكى ھاۋا ۋە پار بەدەننى قۇرغاق قىلىۋېتىدۇ، شۇڭا كۆپ سۇ ئېچىپ بېرىش كېرەك.

  دانلىق زىرائەتلەرنى كۆپ يېيىش

  دانلىق زىرائەت تەركىبىدە ۋىتامىن مول بولۇپ، دانلىق زىرائەتلەر ھەددىدىن زىيادە پىششىقلاپ ئىشلەش باسقۇچلىرىدىن ئۆتمىگەندە تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار زىيانغا ئۇچرىمايدۇ، يېتەرلىك ۋىتامىن تېرە ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ.

  ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلاش

  «ھۆسن تۈزەش ئۇيقۇسى»نىڭ ئەڭ ياخشى قىياپىتى دەل ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلاش بولۇپ، بۇ خىل ئۇخلاشتا قورۇق پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەنلەپلا قالماي، يەنە كۆز خالتىسى پەيدا بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. يانچە ئۇخلاشتا مەڭز ۋە ئېڭەكتىكى قورۇقلار كۆپىيىپ كېتىدۇ، دۈم يېتىپ ئۇخلاشتا پېشانىدە قورۇق پەيدا بولىدۇ.

  ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى

  سىزنىڭچە قىشتا ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى سۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوقمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمىنى ھەر كۈنى ئىشلىتىش كېرەك، قىش پەسلىدە ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئۇنچە كۈچلۈك ئەمەس، SPF قىممىتى سەل تۆۋەن بولغان ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمىنى تاللىساق بولىدۇ، چىراغ نۇرى، كومپيۇتېردىن كېلىدىغان زەخمەت ئاساسلىقى UVA (ئۇزۇن دولقۇنلۇق قارا ئېففېكتلىق ئۇلترا بىنەپشە نۇر) دىن كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 71گە قارشى 84نومۇر بىلەن سىچۈەن كوماندىسىنى يېڭىپ، مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى
  • ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات ئۆمىكى كۇچادا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى
  • ئۈرۈمچىدىن تاشكەنتكە بىۋاستە قاتنايدىغان تۇنجى يۈك پويىزى يولغا چىقتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى