تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

خوتۇنى خىزمەتتە ئۆسسە، ئەرلەر نېمە ئۈچۈن دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالىدۇ؟

  خوتۇنىنىڭ شەرەپ بىلەن شىركەت دىرېكتورلۇقىغا ئۆستۈرۈلگەنلىكى ئۆزى بىلەن بىر شىركەتتە ئاددىي خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەيدىغان ئېرىگە چوڭ بىر زەربە بولدى، ھەربىر قېتىم نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ ئاينى ئوراپ تۇرغان يۇلتۇزلاردەك خۇتۇنى ئەتراپىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭدا كۈچلۈك كىرىزىس ئېڭى پەيدا بولاتتى. ئۇ گۇمانلىنىش ۋە شەخسىيەتچىلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغاچقا، ئەسلىدە ئىناق بولغان نىكاھىدا كىرىزىس كۆرۈلۈپ، خوتۇنى ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشقا باشلىدى. يىراقلاشقانسېرى ئۇنىڭدىكى گۇمان ۋە ئېسەنكىرەش ئېغىرلىشىۋاتاتتى. قانداق قىلىش كېرەك؟

  خوتۇنى ئۆستۈرۈلسە، ئېرى گۇمانخور، تەشۋىشچان بولۇپ قالىدىغان بۇ خىل پىسخىكىلىق ھادىسە «خاتا تۇيغۇلۇق تەشۋىشلىنىش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇھەببەتكە نىسبەتەن ئىشەنچى كەمچىل ياكى ناھايىتى ئاسان ھاياجانلىنىدىغان ياكى ئامالسىزلىقتىن ياخشى كۆرىدىغان كىشلەردە ئاسانلا «خاتا تۇيغۇلۇق تەشۋىشلىنىش» كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل «پىسخىكىلىق مەخپىيىتى» بار كىشىلەر قارشى تەرەپ بىلەن ئۇچراشقاندا دائىم بۇ خىل تەشۋىشلىنىشنى يوشۇرۇپ، ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. لېكىن، باشقىلار ناھايىتى نورمال دەپ تونۇغان نەرسىلەرنى ئۇلار يوشۇرىدۇ ياكى قورقىدۇ. ئۇلاردا بىر خىل زىددىيەتلىك ئىش-ھەرىكەتلەر كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن: قارشى تەرەپ بىلەن بىللە مەلۇم پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن قورقىدۇ ھەم مۇشۇ پائالىيەت ئارقىلىق مۇھەببىتىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنىدۇ.

  بۇ خىل گۇمانخورلۇق، تەشۋىشلىنىشنى تۈگىتىدىغان ئۈچ خىل ئۇسۇل بار:

  1. ئۆزىڭىز گۇمانلىنىدىغان، تەشۋىشلىنىدىغان ئىشنى ئوچۇق، ئايدىڭ قىلىۋېتىڭ. شۇندىلا ئۆزىڭىزنىڭ قۇرۇقتىن-قۇرۇق گۇمانلانغان ۋە تەشۋىشلەنگەنلىكىڭىزنى بىلىپ قالىسىز. ئەگەر قارشى تەرەپتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىشىڭىز ئۈستىدە قايتا-قايتا ئەستايىدىل ئويلىشىپ كۆرسىڭىز، بۇ خىل زۆرۈرىيىتى بولمىغان پىسخىكىلىق يۈكتىن قۇتۇلىسىز؛

  2. قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرۈش ئۇسۇلىڭىزنى قايتىدىن ئويلىنىپ كۆرۈڭ. بەزىدە تۇتامىغا چىقمايدىغان كىچىك ئىشلار سىزدە خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق كىچىك ئىشلار بىخلىنىپ قەلبىڭىزدە تۈگۈن پەيدا قىلىدۇ ھەم ئاسانلا خاتا ھۆكۈم قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  3. ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى كۈچەيتىڭ. قارشى تەرەپنىڭ قەلبىدىكى ئورنىڭىزنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىڭ ھەم ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىزنى تونۇپ يېتىڭ، شۇندىلا مۇھەببەتكە بولغان ئىشەنچىڭىزنىڭ كەمچىل بولۇشىدەك قورقۇنچنى يېنىكلىتەلەيسىز.

«بەختلىك ئائىلىنىڭ سىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

پىراكتىكانت سۈرىيە راشىدىن تەييارلىغان

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى