تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئاسىيا–تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقى ۋە جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقايلى

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا–تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا–سانائەت ساھەسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا قىلغان مۇھىم سۆزى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11–ئاينىڭ 10–كۈنى ئاسىيا–تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا–سانائەت ساھەسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ھەم ‹‹دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنەيلى›› دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى، دۇنيا ئىقتىسادىدا يۈز بېرىۋاتقان چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى كۆزىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى كۆزلەشتىكى تۆت نۇقتىلىق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگو خەلقىنىڭ بەش چوڭ مۇساپىگە ئاتلىنىدىغانلىقىنى دۇنياغا تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ دەۋر رىتىمىنى ئىگىلەپ، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقى ۋە جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، كىشىلەرنى گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  جۇڭگو خەلقىنى يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشقا يېتەكلىدى

  جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدە قانداق يولدا مېڭىشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى، پۈتۈن دۇنيا APEC سەھنىسىدە جۇڭگونىڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ بېرىدىغان جاۋابىنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولدى.

  ‹‹ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى داۋاملىق ئۇرغۇتۇش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش؛ دۇنياغا يەنىمۇ يۈزلىنىپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش؛ خەلقنى مەركەز قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشقا قەدەم تاشلاش؛ يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ››... رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقى ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى مۇساپىلەرنى سۈرەتلەپ بەردى.

  شاڭخەي شەھىرى پۇدۇڭ يېڭى رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رايون باشلىقى لۇ فاڭجۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇتقىنى ئاڭلاپ، شاڭخەي ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولدۇم. ئەركىن سودا پورتىنى خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمنى نىشان قىلىپ، دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان پورت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ۋە چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ.

  يېڭى دەۋر يېڭى تەرەققىيات ئۇسۇلىغا موھتاج. لياۋنىڭ ئۆلكىسى بېيپياۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ شيۇجۈن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇتقىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بېيپياۋ شەھىرىنىڭ ئۆزگىرىشى جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا كونكرېت ئەمەلىيلەشكەنلىكىدۇر.

  بېيپياۋ تىپىك بايلىق تىپىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بېيپياۋنىڭ ھەممىلا يېرىگە بايلىق قېزىش كارخانىلىرى جايلاشقان بولۇپ، بېيپياۋنىڭ ئاسمىنىنى يىلبويى چاڭ – توزان قاپلاپ تۇراتتى. ھازىر كان مەيدانلىرىنىڭ ئورنىغا ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى كارخانىلىرى ماكانلاشتى، بېيپياۋ شەھىرى ياسىمىچىلىق بازىسىغا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ۋە فوتوۋولتلۇق توك چىقىرىش قاتارلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تۈرلىرى يېتەكلەش رولىنى ئوينىغاچقا، بۇ يەردىكى دېھقانلار تەدرىجىي نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىۋاتىدۇ. 2020 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ شەھەردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تامامەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  جېجياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ جيەن مۇنداق دېدى: خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، بىز يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىغا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. شاۋشىڭ شەھىرى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى مۇھىت ئاسراش بىلەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مۇھىت سىغىمى بايلىقى نىسبىي مول رايونلارنىڭ مۇھىتى سەزگۈر رايونلارنى ‹‹تەرەققىيات تەجرىبە رايونى›› بىلەن تەمىنلىشى ئۈستىدە ئىزدەندى، باشقا جايدا ئېچىپ ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يېشىل تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدەندى.

  جۇڭگودا بۇنداق ئىسلاھات ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى فۇجيەن ئۆلكىسى بىلەن نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى، فۇجيەن ئۆلكىسى مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش بىلەن بىللە، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، زەمبۇرۇغ يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىدى؛ جېجياڭ ئۆلكىسى جىئەن ناھىيەسى شاڭشۇ يېزىسىنىڭ لۇڭۋاڭ كەنتى ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مەدەنىيەت كەسپىنى ئەنئەنىۋى قەغەز ياسىمىچىلىقىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، مۇھىتنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى...

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە تەرەققىيات پىلانىنى بېكىتىپ بەردى، رەئىس شى جىنپىڭ نۇتقىدا جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغانلىقىنى جاكارلاپ، مۇپەسسەل ئىدىيە، كەڭرى نەزەر دائىرە ۋە مەردانە ئىشەنچنى نامايان قىلدى.

  ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى سۈرەتلەپ بەردى

  رەئىس شى جىنپىڭ نۇتقىدا مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيا ھازىر ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇش، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسى، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش سىستېمىسىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلمەكتە.

  جېجياڭ ئۆلكىلىك سودا نازارىتى ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن فاڭفاڭ مۇنداق دېدى: ‹‹تۆت چوڭقۇر ئۆزگىرىش››تە خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر سەزگۈرلۈك بىلەن تۇتۇلغان، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي يۈزلىنىشى ۋە يېڭى يۆنىلىشى دەل ئىگىلەنگەن بولۇپ، بىر قاتار مۇھىم تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە ئىقتىسادنى تۈزەش لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كەلگۈسى ھەرىكەت نىشانى كۆرسىتىپ بېرىلدى.

  جياڭسۇ ئۆلكىلىك سودا نازارىتىنىڭ نازىرى ما مىڭلۇڭ مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن – تېخنىكا ۋە سانائەت ئىنقىلابىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى سانائەت، يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالىتى ئارقا – ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات شەكلىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشنىڭ خەلقئارا ئورتاق تونۇشقا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش سىستېمىسىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىش مۇقەررەر يۈزلىنىش بولۇپ قالىدۇ.

  جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن فېڭيىڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ‹‹تۆت چوڭقۇر ئۆزگىرىش››نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى ھەم قاراتمىلىق ھالدا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆپچىلىككە دۇنيانىڭ راستىنلا ئۆزگەرگەنلىكىنى، ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتىپ بەردى. ناۋادا يەنىلا ئىشىكنى تاقىۋېلىپ قورۇقچىلىق قىلساق، ئۇنداقتا، بۇ ئۇسۇلىمىز ئاقمايدۇ.

  تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى قايسىلار؟ رەئىس شى جىنپىڭ يېزىپ بەرگەن ‹‹ياخشى رېتسىپ›› دەل ئوچۇق ئىقتىساد بەرپا قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش؛ يېڭىلىق يارىتىشنى ئاشۇرۇشنى داۋاملىق كۆزلەپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى قېزىش؛ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، خەلقنى تەرەققىيات مېۋىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتۇر.

  سودا مىنىستىرلىقى خەلقئارا سودا – ئىقتىساد ھەمكارلىق تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى گۇ شۆمىڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇس ئەجەللىك يېرىگە دەل تەگكۈزۈپ ئېيتىلغان تەشەببۇس بولۇپ، جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپلىك سودىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ ئەركىنلىشىشى، قولايلىقلىشىشىنى قوللاش پوزىتسىيەسىنى يەنىمۇ ئېنىق ئىپادىلەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشتەك جۇڭگو ساداسىنى ياڭرىتىپ، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشەنچ ۋە كۈچ بەخش ئەتتى.

  يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان لۇجۇ تور سودا پورتى ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لۇ يۈەنگو مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسى يېزىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭمۇ يۈزلىنىشىدۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى جۇڭگو يېزىلىرىغا تېزدىن كىردى، ‹‹ئالاقە تورى + يېزا ئىگىلىكى›› ئەندىزىسى يېزىلارنىڭ يېڭى تەرەققىيات كۈچىنى قېزىپ چىقتى، نۇرغۇن ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغىچە سېتىلدى. دېھقانلارمۇ ئوچۇق ئىقتىساد ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئېقىمىنىڭ ئالدىدا تۇردى، بىز يېزىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا يېڭى كەسىپ ھالىتىدە يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى بېيىتىپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا چىقىرىپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرىمىز.

  دۇنيا بىلەن بولغان تېخىمۇ چوڭ ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتتى

  رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى بىلەن زىچ باغلانغان. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر دۇنيا ۋە ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق لەڭگىرى بولۇپ، خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى رۇەن زۇڭزې مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇتقى شۇنى چۈشەندۈردىكى، كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ھەمكارلىق بوشلۇقى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ، جۇڭگونىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى دۇنيا تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بېغىشلايدۇ. ‹‹سۆزنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، بۇ دېگەنلىك جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىن دۇنيانى تەڭ بەھرىلەندۈرۈش دېگەنلىكتۇر››.

  ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ھەرقايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى.

  11 – ئاينىڭ 10 – كۈنى 41 كونتېينېر بېسىلغان خەلقئارالىق پويىز فىنلاندىيەنىڭ تۆمۈريول تۈگۈنى ـــ كوۋولا شەھىرىدىن ئاخىرقى ۋوگزال ـــ جۇڭگو شىئەن پورتىغا يۈرۈپ كەتتى. بۇ، جۇڭگو بىلەن شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى قېتىم قاتنىغان جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدۇر. كەلگۈسىدە شىمالىي ياۋروپانىڭ داڭلىق ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، ماشىنىسازلىق – ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، سالمون بېلىقى ۋە مالىنا قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى شىئەن پورتى ئارقىلىق جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىدۇ؛ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، غەربىي رايون جابدۇقچىلىقى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىمۇ بۇ يەر ئارقىلىق شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يۈزلىنىدۇ.

  شىئەن خەلقئارا پورت ئىشلىرى رايونى قۇرۇقلۇق پورتى گۇرۇھى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يۈەن شياۋجۈن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنىنى، يەنى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ماسلاشما – بىرلەشمە ھەرىكەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەكىتلىدى. جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىشى جۇڭگونىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان ئىقتىساد – سودا ئالاقىسى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› نەتىجىسىنى ئورتاق يارىتىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق ھەمبەھرىلىنىدۇ.

  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› سىياسىي، ئىقتىساد جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ بەلبېغى بولۇپلا قالماي، يەنە ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش يولىدۇر.

  شيامېن جۇڭگو چياۋمىنلىرى داشۆسى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى شۆيۈەنى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر ئۈچۈن 700دىن ئارتۇق يۇقىرى سەۋىيەلىك خەنزۇ تىلى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ بەردى؛ شىئەن قاتناش داشۆسى قۇرغان ‹‹يىپەك يولىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىتتىپاقى›› 35 دۆلەت ۋە رايوندىكى 135 ئالىي مەكتەپنى ئىتتىپاقداش بولۇشقا جەلپ قىلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالىي مائارىپ ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلدى؛ جۇڭگو كارخانىسىدىن چىققان ‹‹ئەۋرىشكە›› ـــ تايلاند – جۇڭگو ‹‹لويۇڭ›› سانائەت رايونى تايلاندتىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، جېجياڭلىق سودىگەرلەرنىڭ خەلقئارالىشىش يولىنى كېڭەيتتى ...

  جېجياڭ ئۆلكىلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى لەن جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى جۇڭگونىڭ ‹‹دوستلار چەمبىرىكى››نى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپلا قالماي، جۇڭگونىڭ ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، جېجياڭنىڭ ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ دۇنياۋى كەسىپلەردىكى قايتا تەقسىملىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدۇ، بۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت.

  19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ‹‹ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش›› يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ 14 تۈرلۈك ئاساسىي تەدبىرىنىڭ بىرى قىلىندى.

  بېيجىڭ شەھەرلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ خۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسىگە تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى قۇرۇپ چىقىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى