چەرچەندىن بارغان چىلان ۋاكالەتچىلىرى چەرچەن چىلىنىنى تەشۋىق قىلماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پولات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: 2017-يىللىق شىنجاڭ ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى 10-نويابىردىن 12-نويابىرغىچە گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلدى. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۆرگەزمە رايونىدا چەرچەندىن بارغان چىلان ۋاكالەتچىلىرى چەرچەن چىلىنىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى كۆرگەزمە ئەھلىگە كەڭ تەشۋىق قىلدى.