تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بېن ياڭ ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى

  لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سابىق باش شۇجىسى، سابىق دۆلەت رەئىسى جۇمالى بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋىيېنتيان، 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ۋىيېنتياندا لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بېن ياڭ ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.

  شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 7 دىن ئاشقاندا، شى جىنپىڭ بىلەن بېن ياڭ دۆلەت رەئىسى مەھكىمىسىنىڭ زىياپەت زالىغا كىردى.

  بېن ياڭ ئالدى بىلەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ لائوسقا قىلغان بۇ قېتىمقى تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارىتى لائوس بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. لائوس پارتىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19 – قۇرۇلتىيىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجىلەرنى چىن قەلبىدىن تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن دادىل ئىلگىرىلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

  شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، لائوستا قايتا زىيارەتتە بولۇپ، لائوس ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقى، ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشۈپ، خەلقنىڭ ئىناق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ۋە باشقا تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، چىن قەلبىمدىن خۇش بولدۇم. لائوس شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى مۇھىم دۆلەت. جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ تاغ – دەريالىرى تۇتاش، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 56 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىقى ۋە دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز مول مېۋە بېرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو لائوس بىلەن بىرلىكتە ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو – لائوس ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ جۇڭگو – لائوس ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  زىياپەت ئازادە، خۇشال كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى.

  زىياپەتتىن ئىلگىرى شى جىنپىڭ زىياپەتكە قاتناشقان ھەم جۇڭگودا بىلىم ئاشۇرغان لائوسلۇق پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلاد دوستانە ئەربابلار بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، سەمىمىي پاراڭلاشتى، كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو – لائوس مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلارنى جۇڭگو – لائوس دوستلۇقى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىشقا، بولۇپمۇ ياشلارنى تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ ئىزباسارى بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى. لائوس تەرەپتىن لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سابىق باش شۇجىسى، سابىق دۆلەت رەئىسى جۇ مالى، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، پارلامېنت رەئىسى با نى، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن زۇڭلى بېن تۇڭ، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەن كەن، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جەن شى، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت قۇرۇش فىرونتىنىڭ رەئىسى سەي سۇڭپېڭ، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جەن شامېڭ، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى كەن پەن، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ۋىيېنتيان شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە شەھەر باشلىقى شىن لافېڭ، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن زۇڭلى سۇڭ سەي قاتارلىقلار قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋىيېنتيان، 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ۋىيېنتياندا لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سابىق باش شۇجىسى، سابىق دۆلەت رەئىسى جۇ مالى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش جۇ مالى لائوس پارتىيەسىنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبىرى بولغان ئون يىلدا باشتىن – ئاخىر جۇڭگو – لائوس دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو – لائوس مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرى يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، جۇڭگو – لائوس ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق. مېنىڭ لائوسقا قىلغان بۇ قېتىمقى زىيارىتىم جۇڭگو – لائوس مۇناسىۋىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. بايا باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى بېن ياڭ بىلەن ئىككىمىز مول نەتىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ چىقتۇق. يولداش جۇ مالىنىڭ جۇڭگو – لائوس تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ، جۇڭگو – لائوس مۇناسىۋىتىنى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇ مالى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ كۆپ جەھەتتە تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزگەنلىكىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن. يولداش شى جىنپىڭ لائوس خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىم لائوسقا قىلغان زىيارىتى لائوس – جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو لائوسنىڭ دوستانە يېقىن قوشنىسى ھەم خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم كۈچ. لائوس ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، لائوس – جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ.

  جۇڭگو تەرەپتىن ھەمراھ بولۇپ بارغان دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى قاتارلىق خادىملار لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بېن ياڭ، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى كەن پەن، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن زۇڭلى سۇڭ سەي قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.