تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۈەن فۇجۇڭ بىلەن قايتا كۆرۈشتى

  ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى چېن داگۇاڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خانوي، 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خانويدىكى ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جايدا ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۈەن فۇجۇڭ بىلەن قايتا كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا يولداشلىقتىن ھالقىغان قېرىنداشلىق روھى بويىچە ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى توغرىسىدا داۋاملىق چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ۋىيېتنامغا قىلغان بۇ قېتىمقى سەپىرىم ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، ۋىيېتنام خەلقىنىڭ سەمىمىي دوستلۇقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم. جۇڭگو – ۋىيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇستەھكەم، ئۇيۇلتاشتەك مەزمۇت. ھازىر ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇشلار ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. مەن تۈنۈگۈن باش شۇجى رۈەن فۇجۇڭ بىلەن دوستانە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردۇم، ئىلگىرىكى ئورتاق تونۇش ئاساسىدا ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو -ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە خەلقئارا، رايون ۋەزىيىتىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرگە ئەگىشىپ، جۇڭگو – ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيىتى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى يېتەكلەش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، جۇڭگو – ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو – ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن – ئاخىر توغرا يۆنىلىشكە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ يەنە رۈەن فۇجۇڭغا جۇڭگونىڭ پارتىيەنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى.

  رۈەن فۇجۇڭ مۇنداق دېدى: ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشماقتا. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19 – قۇرۇلتىيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋىيېتنامدا تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى ۋىيېتنام خەلقى سەمىمىي ئارزۇ قىلدى ۋە قىزغىن قارشى ئالدى. تۈنۈگۈن سۆھبىتىمىز سەمىمىي، دوستانە، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر بولۇپ، يولداشلىقتىن ھالقىغان قېرىنداشلارچە چوڭقۇر دوستلۇق تولۇق گەۋدىلەندى. ۋىيېتنام جۇڭگو بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى، ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈشۈشتىن كېيىن شى جىنپىڭ بىلەن رۈەن فۇجۇڭ خۇ جىمىڭنىڭ بۇرۇنقى تۇرالغۇسىغا بېرىپ، داۋاملىق پىكىرلەشتى.

  خۇ جىمىڭنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلانغان بۇرۇنقى تۇرالغۇسىدا شى جىنپىڭ بىلەن رۈەن فۇجۇڭ قەدىمىي دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان يولدا ماڭغاچ پاراڭلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ رەئىس ماۋ زېدۇڭ ۋە رەئىس خۇ جىمىڭدىن ئىبارەت پېشقەدەم رەھبەرلىرىنىڭ دوستلۇق ئالاقىسىنى چوڭقۇر ياد ئەتتى، جۇڭگو – ۋىيېتنام خەلقلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىناقلىقى ۋە دوستلۇقىنى خۇشاللىق ئىچىدە ئەسلىدى.

  شۇ كۈنى شى جىنپىڭ رەئىس خۇ جىمىڭنىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى ھەم گۈلچەمبىرەك قويدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى قاتارلىق جۇڭگو تەرەپتىن ھەمراھ بولۇپ كەلگەن خادىملار، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى، مەركىزىي تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن گوۋاڭ، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن زۇڭلى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى فەن پىڭمىڭ، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات – تەربىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋۇ ۋېنشاڭ، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى رۈەن ۋېننيەن قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خانوي، 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى خانويدىكى رەئىس مەھكىمىسىدە ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى چېن داگۇاڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنىڭ سوتسىيالىستىك ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنى، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ داناڭدا ئېچىلغان بىرەسمىي يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سوتسىيالىستىك قوشنىلار ۋە مۇھىم ھەمكارلاشقۇچى ھەمراھلار بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوخشاش سىياسىي تۈزۈم ۋە ئورتاق تەرەققىيات نىشانى جۇڭگو – ۋىيېتنام پارتىيەلىرى، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تەقدىرىنى چەمبەرچاس باغلىغان. جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ۋىيېتنامغا قارىتا دوستلۇق ئاساسىي فاڭجېنىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشقا كۈچ چىقىرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، جۇڭگو – ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنىڭ مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتىنى ياخشىلاپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بىلەن ‹‹ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك›› قۇرۇلۇشىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى ياخشى تۇتۇشى، ئادىمىيەت ساھەسى سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، ئەلئارا ئالاقىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو – ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ۋە كونترول قىلىپ، دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ نەتىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو – ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  چېن داگۇاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19 – قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچى ئورنىنىڭ بېكىتىلگەنلىكىنى، يولداش شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. ۋىيېتنام جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئېرىشكەن غايەت زور نەتىجىلىرىگە، خەلقئارا ۋە رايون تىنچلىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ. ۋىيېتنام – جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، خەلقئارا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا پايدىلىق. ۋىيېتنام جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى بەرپا قىلغان ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋىيېتنام – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى. ۋىيېتنام تەرەپتىن ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن زۇڭلى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى فەن پىڭمىڭ، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات – تەربىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋۇ ۋېنشاڭ، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن زۇڭلى ۋاڭ تىڭخۇي، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىقتىساد بۆلۈمىنىڭ باشلىقى رۈەن ۋېنپىڭ، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى رۈەن خېپىڭ قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.