يەر شارى تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 9-نويابىر خەۋىرىگە قارىغاندا، لوس ئانژېلېستىكى 28 ياشلىق گىرىمچىك پىرومىس تاماڭ يېقىندا يۇقىرى گىرىم قىلىش ماھارىتى بىلەن ئۆزىنى كارتون فىلىمدىكى قونچاقلارغا ئوخشاتقان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل ئۇسلۇبتا گىرىم قىلىش ئارقىلىق، ئۇ مەستانىلىرىنىڭ رىۋايەت چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنى خالايدىكەن، ئۇنىڭ ئىلھامى باشقا بىر گىرىمچىكتىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ گىرىمچىك مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن چوڭ كۆز ۋە قېلىن كالپۇك سىزىپ چىقىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىكەن.