تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بېن ياڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى

   ئىككى تەرەپ بىرلىكتە جۇڭگو – لائوس ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا قوشۇلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋىيېنتيان، 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ۋىيېنتياندىكى دۆلەت رەئىسى مەھكىمىسىدە لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بېن ياڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، ئالاقە ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە لائوسنىڭ ئىسلاھات ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ بولۇش روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان جۇڭگو – لائوس ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ بىلەن بېن ياڭ ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيى ھەم لائوسنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئۆزئارا تونۇشتۇردى.

  شى جىنپىڭ لائوسنىڭ لائوسچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرغانلىقىنى ماختىدى، لائوسنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى، باش شۇجى بېن ياڭ باشچىلىقىدىكى لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، لائوس خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  بېن ياڭ ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، قۇرۇلتايدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بەردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە جۇڭگو خەلقىنىڭ ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بېن ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ نەتىجىلىرى يېڭى دەۋر سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، دوستلۇقى، ھەمكارلىقى، تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن لائوس سوتسىيالىستىك دوستانە قوشنا دۆلەت بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئىناق قوشنىدارچىلىق ۋە دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۇزاقتىن بۇيان مۇستەھكەم بولۇپ كەلدى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 56 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈندىن – كۈنگە قويۇقلاشتۇرغاچقا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر راۋاجلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقىي مەنپەئەت يەتكۈزدى. جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ غايە – ئېتىقادى ئوخشاش، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى يۇقىرى بولۇپ، تەرەققىيات بوشلۇقى كەڭ. جۇڭگو جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى باشتىن – ئاخىر قەدىرلەيدۇ، لائوس بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، لائوس بىلەن بىر مەقسەتتە تىرىشىپ، ئۆزئارا يۈكسەك ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان جۇڭگو – لائوس ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەڭگۈ ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.

  بېن ياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئۇدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم لائوسقا زىيارەتكە كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، لائوس – جۇڭگو تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى پىلانىنى تۈزۈپ، يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، لائوس – جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. لائوس جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، ‹‹تۆت ياخشى›› روھى بويىچە لائوس – جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ۋە رايون مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ.

  شى جىنپىڭ بىلەن بېن ياڭ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنداق قارىدى: جۇڭگو بىلەن لائوس ئوخشاشلا كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت. ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا بىرلىكتە جۇڭگو – لائوس ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ چىقىشى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىكى ئۇلۇغۋار ئىشلارغا پايدىلىق.

  ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارىتىدىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىنى ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو – لائوس مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلەش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشقا، ئىككى پارتىيەنىڭ دوستلۇقى، ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، قانۇن ئىجراسى ۋە خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور ئىشلىرىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  ئىككى تەرەپ جۇڭگونىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى لائوسنىڭ ‹‹ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتىدىن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان تۈگۈن دۆلەتكە ئايلىنىش›› ئىستراتېگىيەسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، بىرلىكتە جۇڭگو – لائوس ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇپ، جۇڭگو – لائوس تۆمۈريولى قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنىڭ كۆلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىك جەھەتتە بىر – بىرىنى تولۇقلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، بايلىق، سۇچىلىق، خەۋەرلىشىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، داۋالىنىش، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قاتلىمىدىكى ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە قوشۇلدى.

  ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، لائوس – جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ دوستلۇق ئالاقىسىنى، يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە، ب د ت، ئاسىيا – ياۋروپا يىغىنى، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى، لەنساڭجياڭ – مېكوڭ دەرياسى ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشقا قوشۇلدى.

  سۆھبەتتىن كېيىن شى جىنپىڭ بىلەن بېن ياڭ جۇڭگو – لائوس ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، رەقەملىق يىپەك يولى، پەن – تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى، ئېلېكتىر كۈچى، ئادەم كۈچى بايلىقى، پۇل مۇئامىلە، سۇچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى بېن ياڭ رەئىس مەھكىمىسى مەيدانىدا داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى رەئىس مەھكىمىسى ئالدىدىكى يولدا مىڭدىن ئارتۇق يەرلىك ئامما جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلاتتى، بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەن لائوسلۇق نەچچە يۈز ھەر مىللەت خەلق ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلارنى خۇشال كۈتۈۋالدى. رەئىس مەھكىمىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا جۇڭگو بىلەن لائوس رەھبەرلىرىنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى ئېسىلغانىدى.

  شى جىنپىڭ ئاپتوموبىللىق يېتىپ كەلگەندە بېن ياڭ ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. لائوسلۇق ياش شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى. شى جىنپىڭ بىلەن بېن ياڭ پارات مۇنبىرىگە چىققاندا، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ بېن ياڭنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى لائوس تىلىدا ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭغا سالامەتلىك تىلەيمىز! ساغلام بولۇڭ! ساغلام بولۇڭ! ساغلام بولۇڭ!›› دەپ توۋلىدى. شى جىنپىڭ لائوسلۇق خادىملار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، بېن ياڭ جۇڭگولۇق خادىملار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى. لائوس تەرەپتىن لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى كەن پەن، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن زۇڭلى سۇڭ سەي، مۇئاۋىن زۇڭلى، قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى سۇڭ دى ھەم لائوس ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.