تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ۋىيېتنامدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋىيېنتيانغا يېتىپ كېلىپ، لائوستىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋىيېنتيان، 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ۋىيېنتيانغا يېتىپ كېلىپ، لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

  شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ۋىيېنتياندىكى ۋادەي خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ ئايروپىلاندىن چۈشكەندە، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەن كەن، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ۋىيېنتيان شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە شەھەر باشلىقى شىن لافېڭ، لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن زۇڭلى سۇڭ سەي قاتارلىقلار قىزغىن كۈتۈۋالدى. لائوسلۇق ياش شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە رەتلىك تىزىلىپ تۇردى.

  شى جىنپىڭ ئايروپورتتا يازما سۆز قىلىپ، جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن قېرىنداش لائوس پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن لائوس كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، ئىسمى – جىسمىغا لايىق ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 56 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئەنئەنىۋى ئىناق قوشنىدارچىلىقى ۋە دوستلۇقى خەلقئارادىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇردى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى چوڭقۇر راۋاجلىنىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشتى. زىيارەت مەزگىلىدە مەن باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى بېن ياڭ قاتارلىق لائوسنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ھەم لائوسنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى زاتلار بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن جۇڭگو – لائوس ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىمەن. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، بۇ قېتىمقى زىيارىتىم جۇڭگو – لائوس ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ زور بەخت يارىتىدۇ.

  ھەمراھ بولۇپ بارغانلاردىن دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى قاتارلىقلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ كەلدى.

  جۇڭگونىڭ لائوستا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ ۋېنتيەنمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  ئاپتوموبىل ئەترىتى ئايروپورتتىن ئايرىلىپ، مېھمانسارايغا يۈرۈپ كەتتى. ئايروپورت سىرتىغا جۇڭگو – لائوس رەھبەرلىرىنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى ئېسىلغانىدى. كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ دۆلەت بايرىقى شامالدا لەپىلدەپ تۇراتتى. كوچىلارغا قارشى ئالىدىغان شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلار ئېسىلغانىدى، شۇ جايدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا تۇرۇپ، بەس – بەستە باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، لائوس خەلقىنىڭ جۇڭگو – لائوس دوستلۇقىغا بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتىنى ھەم باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن خۇشال بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

  شى جىنپىڭ ۋىيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ۋىيېنتيانغا كەلدى. خانويدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى، مەركىزىي تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن گوۋاڭ قاتارلىقلار ئايروپورتقا كېلىپ ئۇزىتىپ قويدى. يەرلىك ئامما جۇڭگو – ۋىيېتنام دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.