14-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ياۋروپا رايونىدىكى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە ئىتالىيە كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 0 دە 0 نەتىجىدە شىۋېتسىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى، بۇنىڭ بىلەن ئىتالىيە كوماندىسى ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا 1 گە قارشى 0 نەتىجىدە رەقىبىگە يېڭىلىپ، مۇسابىقىدىن شاللىنىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە كىرەلمىدى. بۇ ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە كىرەلمەسلىكى ھېسابلىنىدۇ.
ئىتالىيە كوماندىسى 1958-يىلىمۇ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن شاللانغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ساھىبخان كوماندا دەل شىۋېتسىيە كوماندىسى ئىدى. ھازىرغا قەدەر دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 20 قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىتالىيە كوماندىسى پەقەت ئىككى قېتىم (يەنى، 1930-يىلى مۇسابىقىگە تىزىملاتمىغان، 1958-يىلى شاللىنىپ كەتكەن) قاتنىشالمىغان.