تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە مەڭگۈ سادىق بولىمەن

  ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر قادىربېك قامزا

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دىققىتىمنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئېلىپ، ئىتتىپاق- ئىناق، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىمەن.

  بىرىنچى، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى تېخىمۇ كۈچەيتىمەن. مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن. پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، باشتىن- ئاخىر باش نىشاننى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، باش نىشان مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئېلىپ، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياخشى پۈتۈشنىڭ ئۈلگىسى ۋە باشلامچىسى بولىمەن.

  ئىككىنچى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن- ئاخىر ئەڭ چوڭ سىياسىي ۋەزىپە قىلىمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىدىيەمگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرىمەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن- ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، مىخ قېقىش روھى بىلەن مۇقىملىقنى ياخشى تۇتۇپ، باشتىن- ئاخىر تونۇشتا مۈجمەل بولماسلىق، پوزىتسىيەدە سۇسلۇق قىلماسلىق، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن.

  ئۈچىنچى، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى داۋاملىق چوڭقۇر قېزىپ، پۈتۈن سىستېمىدىكى كادىرلار قوشۇنىنى ساپلاشتۇرىمەن. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تازىلاش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شىنجاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۇلارنى تازىلاشنى زور سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا چىڭ، ياخشى، ھەقىقىي تۇتۇپ، تەشكىل ۋە قوشۇننى ئۈزلۈكسىز ساپلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، قەتئىي بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە باتۇرانە كۈرەش قىلىدىغان جاسارەت بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

  تۆتىنچى، كۈچلۈك كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ئېتىقادچان، خەلقچىل، تىرىشچان- ئەمەلىيەتچىل، دادىل، پاك- دىيانەتلىك» ياخشى كادىر ئۆلچىمى بويىچە، پۈتۈن سىستېمىنىڭ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي بوشاشماي ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ ۋە ياخشىلاپ، سىياسىيدا زېرەك، ئېتىقادى مۇستەھكەم، ھەرىكەتتە ئاڭلىق، خىزمەتنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغان، ئىستىلى پۇختا، پاك كىشىلەرنى تەربىيەلەپ ۋە ئىشلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىمەن.

  بەشىنچى، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمگە قويۇپ، زېمىن بايلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتىمەن. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى پىلانلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە ۋە تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ بىلەن زېمىن بايلىقى خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئۈچۈن تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، زېمىن بايلىقىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى