تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياخشى ئىشلەيمەن

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى ۋېي

  مەن ئاز سانلىق مىللەت كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دادام پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى، ئۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي نەتىجىلەرگە شاھىت بولغان. دادام ماڭا كىچىكىمدىن تارتىپلا پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى؛ مەن چوڭ بولغاندىن كېيىن، كومپارتىيەنىڭلا جۇڭگو خەلقىنى باشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشەندىم.

  شىنجاڭنىڭ ھازىرقى گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتىنى تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز شۇنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلىدىغانلار ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇلار خۇددى زەھەرلىك ئۆسمىگە ئوخشايدۇ، ئۇلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش كېرەك. بىز شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىدىيەۋى- نەزەرىيە شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن. مەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆتتە بىردەك بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە، خەلققە باشتىن- ئاخىر سادىق بولىمەن؛ سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باش نىشان ئارقىلىق بارلىق خىزمەتلەرگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەلبىمگە پۈكۈپ، زىممەمگە ئېلىپ، ئۇنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغدايمەن.

  سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىمەن. مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە سىياسىي سەزگۈرلۈكۈمنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش» ۋە «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزىمەن؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ تۈزگەن تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە باشتىن- ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، تونۇشۇمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تىلىم بىلەن دىلىمنى بىردەك قىلىپ، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇپ، قەدىمىمنى بىردەك قىلىپ، ھالقىلىق پەيتتە سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىمەن.

  «بەشنى تونۇش»نى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىشنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن. مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ جان تومۇرىغا ئايلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «بەشنى تونۇش»نى ھەقىقىي كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا «ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق − بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق − ئاپەت» دېگەن ئىدىيەنى سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىناق ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، قوغدىغۇچىسى ۋە ھىمايىچىسى بولىمەن.

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياخشى ئىشلەيمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: پارتىيەلىك كادىرلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى ھەم يېڭى دەۋردە يېڭىچە قىياپەت، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. بىز پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، غايە- ئېتىقادنى مۇستەھكەملىشىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئۆز خىزمىتىمىزنى ياخشى تۇتۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئىش ئورنى ئېڭى، بازا ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىخلاس بىلەن كۆڭۈل قويۇپ، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، ئىتتىپاق- ئىناق، مۇقىم، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 71گە قارشى 84نومۇر بىلەن سىچۈەن كوماندىسىنى يېڭىپ، مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى
  • ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات ئۆمىكى كۇچادا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى
  • ئۈرۈمچىدىن تاشكەنتكە بىۋاستە قاتنايدىغان تۇنجى يۈك پويىزى يولغا چىقتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى