تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى ئوچۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلايلى

  − رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى سودا- سانائەت ساھەسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا (3)

  «خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

  ئېچىۋېتىش تەرەققىياتقا، بېكىنمىچىلىك تەبىئىيكى قالاقلىققا باشلايدۇ. ئېچىۋېتىش دۆلەتنى گۈللەندۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى.

  «جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ»، «كەلگۈسى 15 يىلدا جۇڭگو بازارلىرى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ، تەرەققىياتى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ». ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا- سانائەت ساھەسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دۇنيانىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزىدىغانلىقى، جۇڭگونىڭ دۇنياغا تېخىمۇ يۈزلەنگەنلىكى، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى ئوچۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىغانلىقى بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى ۋە قىزغىن بەس- مۇنازىرە قوزغىدى.

  ۋاقىت ئەڭ ئۇلۇغ خاتىرىلىگۈچىدۇر. 40 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنياغا يۈزلىنىش جەريانىدا، ئۆز- ئۆزىدىن ھالقىشتەك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. بولۇپمۇ ئۆتكەن ئالاھىدە بەش يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى زور ئىرادە بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى يولغا قويۇپ، ئوچۇق تىپتىكى دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئېلىمىزنىڭ ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاشقى سودا، تاشقى سېلىنما، تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتە يېڭى ھەم زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاساسىي تەجرىبە بولۇپ قالماي، يەنە ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرى.

  ھازىرقى دۇنيا ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىۋاتىدۇ. بىر تەرەپتىن، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان دەۋر ئېقىمىغا ئايلىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ دېڭىزىنى تەنھا كىچىك كۆللەرگە، ئۆستەڭلەرگە چېكىندۈرۈشى مۇمكىن ئەمەس. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتە يېڭى تەڭشەشكە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئىدىيەدە ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، يۆنىلىشتە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا، تەڭپۇڭ بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، ئۈنۈمدە ئادىل، ئورتاق پايدا ئېلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىس ئالدىدا جۇڭگو قانداق قىلىشى كېرەك؟ جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشقا يۈزلىنىشىگە ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەكمۇ؟ جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسىگە قانداق قاتنىشىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىدۇ؟ بۇنىڭدا يېڭى مۇساپىنى قەتئىي باشلاپ، دۇنياغا تېخىمۇ يۈزلىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى ئوچۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ.

  «جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش سالمىقى تېخىمۇ زور بولىدۇ، دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈش دەرىجىسى تېخىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ»، خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: جۇڭگو دۆلەتنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، قۇرۇلۇش بىلەن شۇغۇللىنىشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئوچۇق يېڭى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا چوڭ- چوڭ ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. يېڭى دەۋرگە قەدەم تاشلاپ، دۇنياغا تېخىمۇ يۈزلىنىش، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتا بىز چوقۇم «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزدا ئىچكى- تاشقى جەھەتتىن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشلىك پايدا ئالىدىغان ئوچۇق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشىمىز؛ سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى قولايلىقلاشتۇرىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئېلىمىز چېگراسى ئىچىدە رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانىلارنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىمىز؛ ئەركىن سودا تەجرىبە رايونىغا ئىسلاھ قىلىشتا تېخىمۇ چوڭ ئۆز- ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقى بېرىشىمىز، ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز؛ سىرتقا مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، دۇنيا سودىسىغا يۈزلەنگەن، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەت تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەتتىكى يېڭى ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش داۋامىدا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتسەكلا، ئېچىۋېتىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى كۈچىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچالايمىز.

  «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي بىرىكىش مەزگىلىدە ئېچىۋېتىش يېڭى روھنى ئۇرغۇتىدىغان، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىدىغان مۇھىم كۈچ. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش يېڭى ۋەزىيىتىگە پائال ئۇيغۇنلىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تىرىشىپ دۇنياغا تېخىمۇ يۈزلەنگەن، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى ئوچۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىساقلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشالايمىز.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- نويابىر تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 71گە قارشى 84نومۇر بىلەن سىچۈەن كوماندىسىنى يېڭىپ، مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى
  • ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات ئۆمىكى كۇچادا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى
  • ئۈرۈمچىدىن تاشكەنتكە بىۋاستە قاتنايدىغان تۇنجى يۈك پويىزى يولغا چىقتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى