تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

گېرمانىيەنىڭ بادبىرنباخ بازىرىدىكى ئاپتوماتىك ئاپتوبۇس

   شىنخۇا تورى خەۋىرى: گېرمانىيە بويىچە تۇنجى ئاپتوماتىك ئاپتوبۇس 25-ئۆكتەبىر گېرمانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى باۋارىيە ئوبلاستىغا جايلاشقان ئارىشاڭ ساناتورىيەسى بادبىرنباخ بازىرىدا تىجارەت باشلىدى، بۇ ئاپتوبۇس لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 700 مېتىر بولۇپ، بازار مەركىزى بىلەن بازاردىكى ئارىشاڭ ئارىسىدا قاتنايدۇ. بۇ ئاپتوبۇس ھەر كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 10:00دىن 18:00گىچە يېرىم سائەتتە بىر قاتنايدۇ، كىشىلەر بۇ ئاپتوبۇسقا ھەقسىز ئولتۇرىدۇ، 12 ئادەم سىغىدۇ. بۇ ئاپتوبۇس سېنزور، تېلېكامېرا ۋە كومپيۇتېر ئارقىلىق يول توسۇقلىرىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، ئاپتوماتىك تورمۇزلىنىدۇ، بىراق توسالغۇدىن ئۆزلۈكىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ. ئاپتوبۇستا بىر خىزمەتچى بولۇپ، زۆرۈر تېپىلغاندا قولدا مەشغۇلات قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى