قىسمەن كىشىلەر ئۆسمىنىڭ يېتىلىشى ئوزۇقلۇققا موھتاج، ئۆسمە بارلىق ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە يوغىنايدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبلىك بىمارلار ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، يېمەكلىككە چەك قويۇپ، دوختۇرنىڭ قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىش پىكرىگە قۇلاق سالمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خاتا قاراش. ئامېرىكا ئالىملىرى قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلۇقنىڭ ئۆسمىنىڭ چوڭىيىشى ۋە تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇيدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. ئالىملار ئۆسمىنىڭ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك پەيدا بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى، قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلانغاندا تەن ساپاسىنى ياخشىلىغىلى بولۇپلا قالماي، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.