تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   بالىلار ساغلاملىقى

تاماقتىن كېيىن يېيىلگەن نەشپۈت زەھەر تازىلايدۇ

  ئوزۇقلۇقشۇناسلار يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: «ياز ئاخشىمى كىشىلەر توپلىشىپ كاۋاپ يەپ، پىۋا ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ناۋادا كاۋاپ يېگەندىن كېيىن نەشپۈت يېسە، بولۇپمۇ ئىللىتىلغان نەشپۈت شەربىتىنى ئىچسە، بەدەندە يىغىلىپ قالغان راك پەيدا قىلغۇچى ماددا- كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك گىدرو كاربون تازىلىنىدۇ. ئىللىتىلغان نەشپۈت شەربىتىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارغا قارشى پولىفېنول بار، ئۇ بەدەندىكى توكسىنلارنى ھەيدەپ، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالىدۇ؛ نەشپۈتتە يەنە ۋىتامىن، ئوزۇقلۇق تالاسى، فوسفور، تۆمۈر، يود قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار بار، شۇڭا ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەر نەشپۈت يەپ بەرسە، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە بەدەننى تازىلاپ، قان تومۇرلارنى يۇمشىتىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ».

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 71گە قارشى 84نومۇر بىلەن سىچۈەن كوماندىسىنى يېڭىپ، مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى
  • ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات ئۆمىكى كۇچادا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى
  • ئۈرۈمچىدىن تاشكەنتكە بىۋاستە قاتنايدىغان تۇنجى يۈك پويىزى يولغا چىقتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى