تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

ئاياللار ئەيىبلىگەنسېرى، ئەرلەر شۇنچە ئۆزىنى ئەپقاچىدۇ

  ئاياللار ئەرلەردىن نارازى بولغاندا، كۆپرەك ئەيىبلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. بىراق، پىسخولوگلارنىڭ كۆزىتىپ ئېنىقلىشىچە، ئاياللار ئەيىبلىگەنسېرى، ئەرلەر ئەكسىچە ئۆزىنى شۇنچە ئەپقاچىدىكەن. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟

  ئەرلەر بېسىم ھېس قىلغان ۋاقىتتا، دائىم يالغۇزلۇق ۋە ئارىلىق ساقلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنى ئاياللار مەسىلىنى ھەل قىلماي ئۆزىنى قاچۇردى، دەپ چۈشىنىپ قالىدۇ. ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئەيىبلىشىنى غۇرۇرىغا تەگكەنلىك دەپ قاراپ، ئاياللارنىڭ كوتۇلدىشىدىن قېچىپ بىر بولۇڭغا كىرىپ تاماكا چېكىدىغان، ھاراق ئىچىدىغان ئىشنى چىقىرىدۇ. ئەر-خوتۇنلارنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئۇسۇلى ئوخشىمىغاچقا، مانا مۇشۇنداق خوتۇنلار ئەيىبلىگەنسېرى، ئەرلەر ئۆزىنى ئەپقاچىدىغان بولۇۋالىدۇ.

  بەزى ئاياللار ئەرلىرىنى ئوغلى ئورنىدا كۆرۈپ ئىش ئۆگىتىدۇ، باشقۇرىدۇ، ھەتتا ئەيىبلەيدۇ. بۇنداق قىلسا ئەرلەر تەبىئىيكى ئەرلىك غۇرۇرىنى يوقىتىپ قويغاندەك ھېس قىلىپ، ئۆزىنى ئەپقاچىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەرلەرمۇ بەزى چاغلاردا ئىنتايىن ئاجىز بولىدۇ. ئەمما، ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ساقلاش ئۈچۈن، كۈچلۈك، ئىقتىدارلىق ھالەتكە كىرىۋالىدۇ. شۇنداقلا، ئۆزىنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىگە خوتۇنىنىڭ ئالدىدا تەن بەرگۈسى كەلمەيدۇ. شۇڭا، ئەرلەرنىڭ تەنھالىقنى ئىزدىشى، يالغۇز ئولتۇرۇپ تاماكا چېكىپ، ھاراق ئىچىشى ۋاقىتلىق ئۆزىنى قوغدايدىغان، ئاجىز ئىچكى دۇنياسىنى داۋالايدىغان ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. بىراق، بەزى ئاياللار بۇ نۇقتىنى چۈشەنمەي، ھەدەپ ئەرلەرنى ئەيىبلەيدۇ. بۇ ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچقاندەكلا بىر ئىش. شۇنىڭ بىلەن ئەرلەر ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش، مېھمانغا ھەمراھ بولۇشتەك ئىشلار بىلەن ئۆزىنى ئالدىراش قىلىۋالىدۇ. پەقەت بەرداشلىق بېرەلمىگەندە، ئائىلە ئۇرۇشى پارتلايدۇ.

  ئاياللا بىلىشى كېرەككى، ئەرلەرنىڭ قاچقۇسى ياكى يالغۇز تۇرغۇسى كەلگىنى دەل ئەرلەرنىڭ جىمجىت پىكىر يۈرگۈزۈۋاتقىنى، بۇنداق چاغدا ئۇلارغا ئەركىنلىك بەرگەن تۈزۈك. بۇ خۇددى لەگلەك ئۇچۇرۇشقا ئوخشاشلا بىر ئىش. لەگلىكىڭىزنىڭ قانچىلىك ئېگىز ئۇچقۇسى كەلسە، ئۇچۇپ باقسۇن، بەرىبىر ئۇنىڭ يىپى سىزنىڭ قولىڭىزدا.

«بەختلىك ئائىلىنىڭ سىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

پىراكتىكانت سۈرىيە راشىدىن تەييارلىغان         

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى