شىنخۇا تورى خەۋىرى: دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى كۆچمە نوپۇس پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «جۇڭگونىڭ 2017 - يىللىق كۆچمە نوپۇس تەرەققىياتى دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە، 2016 - يىلى كۆچمە نوپۇس كۆلىمى بىر قەدەر تۆۋەنلىگەن، نوپۇس يۆتكىلىش ۋەزىيىتىمۇ ئاز - تولا پەسەيگەن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ كۆچمە نوپۇس ئومۇمىي مىقدارى 2011-يىلىدىن 2014 - يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە 230 مىليوندىن 253 مىليونغا كۆپەيگەن، بىراق 2015-يىلىدىن باشلاپ كۆچمە نوپۇسنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تۆۋەنلەپ، 2015 - ۋە 2016 - يىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5 مىليون 680 مىڭ ۋە 1 مىليون 710 مىڭ ئادەم ئازايغان.
دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى كۆچمە نوپۇس پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2016-يىلى ئېلىمىز نوپۇسى داۋاملىق شەھەرلەرگە توپلاشتى، دېڭىز ، دەريا، تۆمۈر يول لىنىيەلىرىنى بويلىغان رايونلارنىڭ نوپۇس توپلىشىش دەرىجىسىمۇ زورايدى. دۆلىتىمىزنىڭ شەھەرلىشىش سەۋىيەسى داۋاملىق ئۆستى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نوپۇس يۆتكىلىشتە ئائىلىشىش يۈزلىنىشى بارغانسېرى گەۋدىلەندى.