تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تەرەققىيات شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش

  − رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا- سانائەت ساھەسىدىكى باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا (2)

  «خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

  تەرەققىيات دۆلىتىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى، تەرەققىيات شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش سىجىل ساغلام تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى.

  «بۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، تەرەققىيات شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭى مۇساپىسى»، رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا- سانائەت ساھەسىدىكى باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىلمىي كۆزىتىپ، دەۋر تومۇرىنى توغرا تۇتۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، كىشىلەرگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگو خەلقىنىڭ يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا جۇڭگو ئىشەنچىسىنى ئاتا قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە جۇڭگو ئەقىل- پاراسىتىنى قوشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تەرەققىيات قارىشىنىڭ توغرا بولغان- بولمىغانلىقى، تەرەققىيات شەكلىنىڭ لايىقىدا بولغان- بولمىغانلىقى، تۈپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، تەرەققىياتنىڭ ئۈنۈمىنى ھەتتا غەلىبە قىلىدىغانلىقى ياكى مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىلدا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش كۈچىنىڭ ئاجىز بولۇشىدەك تاشقى مۇھىت، «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش»تەك مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، بىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتىمىزنىڭ %30تىن ئېشىشىدىكى ئاچقۇچ − شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە، تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى قەتئىي ئېغىشماي ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات قارىشىنى قەتئىي توغرىلاپ، تەرەققىيات شەكلىنى قەتئىي ئۆزگەرتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساسىي يېتەكچى ۋە تىرەك قىلغان ئىقتىساد سىستېمىسى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرگەنلىكىمىزدە. ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرا يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىشنى، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشنى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قالالىشىدىكى تۈپ سەۋەب − بىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئۇنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەنلىكىمىز. ئەمەلىيەت تەرەققىيات شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى، ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ چوڭ لوگىكىسىغا ئۇيغۇنلىشىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  نۆۋەتتە، جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا بۇرۇلدى، بۇ، ئىنتايىن مۇھىم بولغان چوڭقۇر بۇرۇلۇش. دۇنيا ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ئامىلىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، يەر شارىمۇ تەرەققىيات شەكلىدىكى چوڭقۇر بۇرۇلۇشقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق ئىنتىلىۋاتقان نىشان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىچكى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىشمەسلىكتەك جاھىل كېسەل تېخى ساقايمىدى، «يېڭى ئادەتتىكىچە» خەۋپ- خەتەردىن ئۈزۈل- كېسىل قۇتۇلۇش ئۈچۈن، يېڭىلىق يارىتىشتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېلىش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ۋە سانائەت ئىنقىلابى دولقۇنى ئالدىدا، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى كۈتۈپ تۇرماسلىقى ۋە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك، جۇڭگومۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلىشى كېرەك. ئېلىمىز ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىدا، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، تەرەققىيات شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات قارىشىنى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشى كېرەك، شۇندىلا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىجادىي كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىجادىي كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئېلىمىز تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا يېتەلەيدۇ.

  «ئاقىللار شەيئىلەر ئارىسىدىكى باغلىنىشنى بىلگەندىلا، ئاندىن ئىشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپ، سەۋەبىنى بىلەلەيدۇ». پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىلدى. دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، تەرەققىيات شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتا، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلەر بويىچە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا جاكارلىغىنى بويىچە، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق تەدبىرلەردە، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشىنى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشىنى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىق ئىقتىساد، ھەمبەھرە ئىقتىساد، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى ئاشۇرما ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك؛ رايون ماس تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مېخانىزمى، يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبىينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنى قۇرۇپ، دۇنيا دەرىجىلىك شەھەرلەر توپىنى ھاسىل قىلىپ، يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش قۇتۇپىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيانىڭ پۇرسىتى. يېڭىلىق يارىتىش قەدىمى تېز، تەرەققىيات سۈپىتى تېخىمۇ ئەلا بولغان جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ قۇدرەتلىك تەسىر ئۈنۈمى پەيدا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق پۇرسىتى ئېلىپ كېلىپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تېز پويىزىغا چىقىرىدىغانلىقى مۇقەررەر. يېڭى دەۋردە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، تەرەققىيات شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتا، بىز تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو پايدىسىنى ئېلىپ كېلەلەيمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- نويابىر تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى