تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى 33–قېتىملىق يىغىن ئاچتى

  يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ 2017 – يىللىق 33 – قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەپەككۇرى ۋە تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا بىرلەشتۈرۈپ تۇتۇش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە، بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن، ھازىرقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق نىشان – ۋەزىپىنى ئورۇنداش، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى پىلانلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، تېخىمۇ پۇختا، كۈچلۈك تەدبىرلەر، تېخىمۇ ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىستىل، تېخىمۇ ئاڭلىق تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كەم – كوتسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىك بەنزىسى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي، كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹ئىككى بەنزە›› مېخانىزمى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ۋە چوڭ – چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىغا، ئومۇميۈزلۈك ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىشى؛ سۈيى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق، ئاپئاق قار – كۆپكۆك مۇزلۇقنىڭ ئۆزىمۇ بايلىق دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى؛ ‹‹خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجى››نى قاندۇرۇشنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىشى، خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى ۋە ياخشىلىشى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇشى، كەنتمۇكەنت ئەمەلىي تۇتۇپ، بىر ئائىلە بىر ئائىلىدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشى؛ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئىدېئولوگىيەنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، چېگرانىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تۈرنى چىڭ تۇتۇشى، سېلىنما دائىرىسىنى كېڭەيتىشى، سانائەتنى تۇراقلاشتۇرۇشى، ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىشى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىشى، 4 – پەسىللىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، بۇ يىللىق تۈرلۈك نىشان – ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇندىشى كېرەك. خىزمەت تەپەككۇرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەتتىكى يېتەرسىزلىك ۋە پەرقنى توغرا تېپىپ چىقىپ، خىزمەت تەپەككۇرى ۋە تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋەزىپىنامە، ۋاقىت جەدۋىلى، ئىش تەرتىپى يول خەرىتىسى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ئىدىيە ۋە زېھنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە سەرپ قىلىش، چىداملىق بولۇپ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، چىڭ تۇتۇش، ھوشيار تۇرۇش، بوشاشماي تىرىشىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى شىنجاڭدا يىلتىز تارتقۇزۇش، ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى