تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۈەن فۇجۇڭ ۋە ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى چېن داگۇاڭ بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خانوي، 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۈەن فۇجۇڭ ۋە ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى چېن داگۇاڭ خانوي خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزگەن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.

  شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 7 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە شى جىنپىڭ رۈەن فۇجۇڭ بىلەن بىللە زىياپەت زالىغا كىردى، چېن داگۇاڭ ئالدىغا چىقىپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئوركېستىر جۇڭگو – ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى.

  رۈەن فۇجۇڭ ۋىيېتنام پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن شى جىنپىڭنىڭ ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. رۈەن فۇجۇڭ مۇنداق دېدى: ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگو دوستانە قوشنا دۆلەت، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. رەئىس خۇ جىمىڭ، رەئىس ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى يېتىشتۈرگەن چوڭقۇر دوستلۇق ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى. ۋىيېتنام ۋىيېتنام – جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يېڭىدىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بەخش ئېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شى جىنپىڭ نۇتقىدا مۇنداق دېدى: ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ گۈزەل ۋە مۇنبەت تۇپراققا يەنە قەدەم باسقىنىمدا، ۋىيېتنام خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتى ۋە دوستلۇقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم. ھازىر ۋىيېتنام سىياسىي، ئىجتىمائىي جەھەتتە مۇقىم، ئىقتىسادى سىجىل تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋېتىپتۇ. ئىشىنىمەنكى، ۋىيېتنام كومپارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋىيېتنام خەلقى چوقۇم ۋىيېتنامنى تېزدىن خەلقى باي، دۆلىتى قۇدرەتلىك، ئادىل، دېموكراتىك، مەدەنىي سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى زىيارەتكە كېلىشىمدە ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگو – ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى پىلانلاش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان. جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشى، سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇشى، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشى، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئورتاق پىلانلىشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، شۇنداقلا مەزكۇر رايوننىڭ، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا پايدىلىق. جۇڭگو ۋىيېتنام بىلەن بىللە ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىق، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، قوشنىلار ئارا دوستلۇق، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق فاڭجېنىغا ۋە ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ بولۇش روھىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  زىياپەت قىزغىن، دوستانە كەيپىياتتا داۋاملاشتى.

  زىياپەتتىن بۇرۇن شى جىنپىڭ رۈەن فۇجۇڭ بىلەن ‹‹ۋىيېتناملىق فوتوگرافنىڭ نەزەرىدىكى جۇڭگو›› تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى كۆردى.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى قاتارلىق جۇڭگو تەرەپتىن ھەمراھ بولۇپ كەلگەن خادىملار، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى، مەركىزىي تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن گوۋاڭ، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى فەن مىڭجېڭ، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن زۇڭلى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى فەن پىڭمىڭ، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات – مائارىپ مىنىستىرى ۋۇ ۋېنشاڭ، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىقتىساد مىنىستىرى رۈەن ۋېنپىڭ، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت خەلق تىرانسپورت مىنىستىرى جاڭ شىمېي، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن زۇڭلى جاڭ خېپىڭ، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن زۇڭلى ۋاڭ تىڭخۇي، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋۇ چۈنلى، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى سۇ لىن قاتارلىقلار قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.