تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

بۇ بەش خىل يېمەكلىك كۆز ئەتراپى قارىداشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

  خىزمەتتىكى ئاياللار كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزاق مەزگىل ئولتۇرىدۇ، ياكى خىزمەت سەۋەبلىك كېچىچە ئۇخلىمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆز خىزمىتى زىيادە ئېشىپ، ناھايىتى ئاسانلا كۆز قۇرغاقلىشىش، كۆز چارچاش، كۆز ئەتراپى قارىداش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆز ئاسراشقا دىققەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆز ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.

  سەۋزە

  سەۋزە تەركىبىدە ۋىتامىن E ۋە ۋىتامىن A بولۇپ، بۇنىڭدا ئېپىتېلىيە توقۇلمىسىنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلاپ، كۆز ئالمىسى ۋە كۆز ئەتراپى تېرە-مۇسكۇللىرىغا ئوزۇقلۇق تولۇقلىغىلى، كۆز ئەتراپى قارىداپ كېتىشنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

  لامىنارىيە

  لامىنارىيە تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بولۇپ، تۆمۈر ماددىسى بولسا قىزىل قان ئاقسىلىنى ھاسىل قىلىشتىكى يادرولۇق ئېلېمېنت. تۆمۈر ماددىسىنى مۇۋاپىق تولۇقلاپ تۇرغاندا قىزىل قان ئاقسىلىنى كۆپەيتىپ، ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى يەتكۈزۈش ئىقىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دائىم لامىنارىيە ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، كۆز ئەتراپى قارىداپ كېتىشنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، سوغۇقچان كىشىلەر ئىستېمال قىلىشتا ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.

  تۇخۇم

  تۇخۇمنىڭ كۆز ئەتراپى قارىداپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار، چۈنكى تۇخۇم تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەنگە ئاسانلا سۈمۈرۈلىدۇ. ئاقسىل ھۈجەيرىلەرنى قايتا ھاسىل قىلىش رولىغا ئىگە، ئەمما ئادەم بەدىنى ھەر كۈنى ئىككى تۇخۇم تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

  كۈنجۈت

  كۈنجۈت تەركىبىدە كۆز ئالمىسىنى ۋە كۆز ئەتراپى تېرىسىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان ۋىتامىن E بولۇپ، كۆز ئەتراپى قارىداشنى يېنىكلىتىدۇ. كۈنجۈتنىڭ يەنە چاچنى قارايتىش رولى بار. كۈنجۈتتىن سىرت، يەر ياڭىقى، ياڭاق، گازىر تەركىبىدىمۇ ۋىتامىن E بار.

  يېشىل چاي

  كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزاق مەزگىل ئولتۇرغاندا كۆز ئەتراپى قارىداپ كېتىدۇ، يېشىل چاينى كۆپ ئىچىپ بېرىش ئارقىلىق كۆز ئەتراپىدىكى قارىنى سۇسلاتقىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى