تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ داناڭدىن ئايرىلىپ خانويغا كېلىپ ۋىيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خانوي، 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى خانويغا يېتىپ بېرىپ، ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

  شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان خانوي خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان بۆلۈمىدىن چىققاندا، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى، مەركىزىي تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن گوۋاڭ قاتارلىقلار ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا تۇرۇپ كۈتۈۋالدى. ۋىيېتناملىق ياشلار شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى. ھۆرمەت قاراۋۇلى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇردى. بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەن ۋىيېتنام ئاممىسى جۇڭگو – ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ شى جىنپىڭنى قارشى ئالدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغانلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ داناڭدا ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 25 – قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، خانويغا يېتىپ باردى. داناڭدىن ئايرىلغاندا ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى