تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا ئوتتۇرا ياشلار، ياشانغانلارنىڭ توردا مال سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولدى

 شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ھەرخىل ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، قاتلىنىدىغان ياشانغانلار كۆز ئەينىكى، ياشانغانلارنىڭ تېيلىشتىن ساقلىنىش ئايىقى ... ئۈرۈمچىدىكى خې جىيۇڭ «قوش 11» كۈنى تېخى يېتىپ كەلمەستىلا يۇقىرىقى بۇيۇملارنى تور دۇكانلىرىنى ئايلىنىپ، ساقلاپ قويغانىدى.

 خې جىيۇڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بېيجىڭ شەرقىي يولىدا ئولتۇرىدۇ، بۇ يىل 70 ياشقا كىردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ توردىن ئۆزىگىلا مال سېتىۋېلىپلا قالماستىن، قوشنىلىرىغىمۇ ياردەملىشىپ مال سېتىۋېلىشىپ بېرىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، خې جىيۇڭغا ئوخشاش توردا مال سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ياشانغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، «ئەلى بابا» تورىنىڭ بىر تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا توردىن مال سېتىۋالىدىغان، 50 ياشتىن ئاشقان ئىستېمالچىلار توردىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5000 يۈەنلىك مال سېتىۋالغان. 50 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان پېنسىيۇنېرلار بۈگۈنكى كۈندە توردا مال سېتىۋالىدىغان ئاساسلىق كۈچكە ئايلانغان بولۇپ، «تاۋباۋ»، «تيەنماۋ» قاتارلىق تور بېكەتلىرىدىكى ئوتتۇرا ياش، ياشانغان 30 مىليون ئىستېمالچىنىڭ  %75ىنى ئىگىلىگەن. ئۆتكەن توققۇز ئايدا 50ياشتىن ئاشقان ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشانغانلار سېتىۋالغان مال ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 44 خىلغا يەتكەن.

 ئىگىلىنىشىچە، ئوتتۇرا ياشلار، ياشانغانلار توردا ياخشى كۆرۈپ سېتىۋالىدىغان بۇيۇملار يانفون، قىممەت تولۇقلاش كارتىسى، يۇيۇنۇش بۇيۇملىرى، ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىقلار ئىكەن، شىنجاڭلىق ياشانغانلار ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يانفون، كىيىم-كېچەك، ساغلاملىق بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى بەكرەك سېتىۋالىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 71گە قارشى 84نومۇر بىلەن سىچۈەن كوماندىسىنى يېڭىپ، مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى
  • ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات ئۆمىكى كۇچادا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى
  • ئۈرۈمچىدىن تاشكەنتكە بىۋاستە قاتنايدىغان تۇنجى يۈك پويىزى يولغا چىقتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى