تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۈەن فۇجۇڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى

  ئىككى تەرەپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، جۇڭگو–ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خانوي، 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى خانويدىكى ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جايدا ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۈەن فۇجۇڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى قوغداپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز ئارا دوستانە ئۆتۈش سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق تەرەققىياتىنى بارغانسېرى ياخشىلاپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ھەقىقىي مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19 – قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى، رۈەن فۇجۇڭ ۋىيېتنامنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام تاغ – دەريالىرى تۇتىشىدىغان ياخشى قوشنا، بار – يوقنى تەڭ كۆرىدىغان ياخشى دوست، نىيەت – مەقسەتلىرى ئوخشاش ياخشى يولداش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلار. جۇڭگو – ۋىيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 67 يىلدىن بۇيان، رەئىس ماۋ زېدۇڭ، رەئىس خۇ جىمىڭ قاتارلىق ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن ئورناتقان ۋە كۆڭۈل قويۇپ يېتىلدۈرگەن جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلدى.بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر قويۇق ئۇچرىشىشنى ساقلىدى، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، جۇڭگو – ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىدە ئىجابىي ئىلگىرىلەش بولدى. ھازىر جۇڭگو – ۋىيېتنام ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتكە ئىگە بولدى. ئىككى تەرەپ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىيىتىنى مۇھىم بىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو – ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيانقى تۈرلۈك قۇرۇلۇشلاردا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، باش شۇجى رۈەن فۇجۇڭ باشچىلىقىدىكى ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قېرىندىشىمىز ۋىيېتنام خەلقى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى جەزمەن بەرپا قىلالايدۇ.

  رۈەن فۇجۇڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى چىن دىلىدىن تەبرىكلىدى، يولداش شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. رۈەن فۇجۇڭ مۇنداق دېدى: ۋىيېتنام جۇڭگونىڭ ۋىيېتنامنىڭ مىللىي ئازادلىقى ۋە دۆلەت تەرەققىياتى ئۈچۈن قىلغان زور ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللايدۇ. ۋىيېتنام جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە مەزكۇر رايوننىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشقانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، يولداش شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى قارشى ئالىدۇ، ھەم بۇ جۇڭگونىڭ دۇنياۋى نەزەرى ۋە چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلغانلىق، دەپ قارايدۇ. ۋىيېتنام جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ بىلەن رۈەن فۇجۇڭ يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئۇزاق مەزگىل دوستانە ئۆتۈشتەك ئەنئەنىگە ئىگە قوشنا دۆلەت، ئىككىلىسى كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، سىياسىي تۈزۈمى ئوخشاش، تەرەققىيات يولى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئىستىقبالى بىر – بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەم تەقدىرداش. ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ بەخش ئېتىپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىدىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىنى ساقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، ئۆزئارا دوستلۇق سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىلاپلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو – ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنى توغرا يۆنىلىشكە يېتەكلەشكە؛ پارتىيەلەر ئارا ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو – ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇشقا؛ جۇڭگو – ۋىيېتنام ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق ھەر قايسى تارماق، ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى.

  ئىككى تەرەپ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ۋە ‹‹ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك››نى ئورتاق قۇرۇشتا ھەمكارلىشىش توغرىسىدىكى ھۆججەتنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، رايون ئىقتىسادى ئالاقىسىنى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئىقتىساد – سودا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، سېلىنما، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، مۇھىت، پەن – تېخنىكا، قاتناش – تىرانسىپورت قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى.

  ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت، مائارىپ، تاراتقۇ، سەھىيە، ياشلار، يەرلىك، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشكە، خانويدىكى جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى، ۋىيېتنام – جۇڭگو دوستلۇق سارىيىنى بالدۇرراق ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئەلئارا ئالاقىلىشىش پائالىيىتىنى ياخشى تەشكىللەشكە، جۇڭگو – ۋىيېتنام دوستلۇقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاشقا قوشۇلدى.

  ئىككى تەرەپ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشقا ئاساسەن، دېڭىز مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا، ئورتاق ئېچىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل شەكىلدىكى دېڭىز ھەمكارلىقىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشكە، نەنخەي دېڭىزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشقا قوشۇلدى.

  ئىككى تەرەپ ب د ت، دۇنيا سودا تەشكىلاتى، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا – ياۋروپا مەجلىسى، جۇڭگو – شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، لەنساڭجياڭ دەرياسى مىكون دەرياسى ھەمكارلىقى قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى. جۇڭگو ۋىيېتنامنىڭ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 25 – قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيدۇ، ۋىيېتنامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى، رايون تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى دۆلەت رەھبىرى بىرلىكتە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ۋە ‹‹ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك››نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسىگە، شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئېنېرگىيە، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىقتىساد – سودا، پۇل مۇئامىلە، مەدەنىيەت، سەھىيە، ئاخبارات، ئىجتىمائىي پەنلەر، چېگرا مۇداپىئەسى قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىش توغرىسىدىكى ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويۇشقا گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن بۇرۇن رۈەن فۇجۇڭ رەئىس مەھكىمىسى مەيدانىدا تەنتەنىلىك قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەيدان سىرتى شى جىنپىڭنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن مىللىيچە كىيىنگەن يەرلىك ئامما بىلەن لىق تولغانىدى. شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن يېتىپ كەلگەندە، ۋىيېتناملىق ئۆسمۈرلەر جۇڭگو – ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ بايراقلىرىنى پۇلاڭلاتقىنىچە شى جىنپىڭنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئاپتوموبىل توختىغاندىن كېيىن رۈەن فۇجۇڭ ئاپتوموبىل قېشىغا بېرىپ قارشى ئالدى، ۋىيېتناملىق ئۆسمۈر شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى. شى جىنپىڭ رۈەن فۇجۇڭ بىلەن بىللە پارات مۇنبىرىگە چىقتى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو، ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، ھۆرمەت توپىدىن 21 ى ئېتىلدى. شى جىنپىڭ رۈەن فۇجۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. بارلىق ھۆرمەت قاراۋۇلى ۋىيېتنام تىلىدا ‹‹باش شۇجىنىڭ تېنى سالامەت بولغاي›› دەپ شوئار توۋلىدى. شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنىڭ ھەمراھ بولۇپ كەلگەن خادىملىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، رۈەن فۇجۇڭ جۇڭگو تەرەپتىن ھەمراھ بولۇپ كەلگەن خادىملار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ بىلەن رۈەن فۇجۇڭ پارات مۇنبىرىگە قايتىپ، پاراتنى كۆزدىن كەچۈردى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جايدىن ئۆتكەندە، ۋىيېتناملىق ياشلار ئۇلارنى گۈل بەرگى چېچىپ قارشى ئالدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى. ۋىيېتنام تەرەپتىن: ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى، مەركىزىي تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن گوۋاڭ، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى فەن مىڭجېڭ، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن زۇڭلى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى فەن پىڭمىڭ، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات – مائارىپ مىنىستىرى ۋۇ ۋېنشاڭ، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋۇ چۈنلى، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى سۇ لىن، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى رۈەن ۋېننيەن ۋە ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى