شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 12-نويابىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بولسىمۇ، تېمپېراتۇرىدا ئۆرلىمىدى، سەھەردە تېمپېراتۇرا ℃1.1- بولۇپ، كۈندۈزدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃3 بولدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى بەرگەن ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى بىرقانچە كۈندە مەركىزىي شەھەردە سوغۇق ھاۋا ھەرىكىتى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى كۆرۈنەرلىك بولمىغان، كەلگۈسى ئۈچ كۈندىمۇ تېمپېراتۇرا يەنىلا مۇشۇ رېتىمدا بولىدىغان بولۇپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃3-ئەتراپىدا، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃3 ئەتراپىدا بولىدىكەن.