تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە يارىتايلى

  ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 25- قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنىڭ 1- باسقۇچلۇق يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

  (2017- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى، داناڭ)

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  ھۆرمەتلىك رەئىس چېن داگۇاڭ

  خىزمەتداشلار:

  رەئىس چېن داگۇاڭ ۋە ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. نەچچە كۈن بۇرۇن، «دامرېي» ناملىق تەيفېڭ بورىنى ۋىيېتنامدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ئېغىر يارىلىنىش، ئۆلۈش ۋە مال - مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلدى. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى خەلقتىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  ئۈچ يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، بىز بېيجىڭدا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ چوڭ پىلانىنى ئورتاق كېڭەشكەن ئىدۇق. جۇڭگولۇقلاردا ئىش ئۈچ يىلدا پۈتىدۇ، دەيدىغان گەپ بار. ئۈچ يىلدىن بۇيان، دۇنيا ئىقتىسادى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى كۆرۈلگەندىن بۇيانقى بىرقەدەر كۈچلۈك ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، تەرەپلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.

  ۋەزىيەتنى كۆزەتكەنلەر بىلىدۇ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرگەنلەر يېڭىدۇ. بىز دۇنيا ئىقتىسادىدا چوڭقۇر قاتلاملىق زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشىمىز كېرەك. تۈنۈگۈن، سودا - سانائەت ساھەسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا سۆزلىگەن نۇتقۇمدا قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر يۆنىلىش بويىچە يېتەكلەپ، مەۋقەنى ھەرىكەتكە قارىتىپ، دۇنيانىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  بىرىنچى، يېڭىلىق يارىتىشنى بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان 1 - پىشاڭ. ھازىر گۈللەنمە پەن - تېخنىكا ۋە سانائەت ئىنقىلابى تېز بارلىققا كېلىپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى. بىز پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ئىككى چاقنى تەڭ ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار بىلەن تېخنىكىنىڭ ئىناق بىرلىكىنى ساقلاپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى ئۈزلۈكسىز چېچەكلىتىپ مېۋە بەرگۈزۈپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە چىقىرىشىمىز كېرەك. بىز ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بۇ يىل بېكىتىلگەن ئالاقە تورى ۋە رەقەملىك ئىقتىساد يول خەرىتىسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  مۇشۇ يىللاردا، جۇڭگو ئىقتىسادىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ نامايان بولدى، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرغانلىقىمىزدا. 30 يىل بۇرۇن، جۇڭگونىڭ تۇنجى ئېلېكترون يوللانمىسى بېيجىڭدىن يوللانغان. ھازىر جۇڭگودا 750 مىليون تور ئەھلى بار، توردىكى پارچە سېتىش سوممىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىشى %30 بولۇۋاتىدۇ، ئورتاق ھەمبەھرە ئىقتىسادنىڭ كۆلىمى 3 تىرىللىيون 500 مىليارد يۈەنگە يەتتى، يۆتكىمە چىقىم كۆلىمى 158 تىرىللىيون يۈەندىن ئاشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دادىل ئىزدەنگەندىلا، ئىجادىي تەرەققىيات يولى ماڭغانسېرى داغدام بولىدۇ.

  ئىككىنچى، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىش كېرەك. تارىخ بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى، ئىشىكنى تاقىۋېلىپ قۇرۇلۇش قىلغاندا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ، ئېچىۋېتىش ئاساسىدىكى تەرەققىياتلا توغرا يول. بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە قولايلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد بەرپا قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. كېڭىشىپ بېكىتكەن يول خەرىتىسى بويىچە، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىش جەريانىدا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  كېلەر يىلى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى بولىدۇ. 40 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنياغا يۈزلىنىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى. كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش سالمىقى تېخىمۇ زورىيىدۇ، دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈش دەرىجىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. بىز كېلەر يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشنىڭ يېڭى سۇپىسى بەرپا قىلىمىز. ئىشىنىمەنكى، بۇ، تەرەپلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پايدىسىدىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىلىنىشىگە پايدىلىق.

  ئۈچىنچى، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. سىغدۇرۇشچانلىق يېتەرلىك بولماسلىق ئومۇميۈزلۈك مەسىلە. بىز سىغدۇرۇشچان بولۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئادىللىق بىلەن ئۈنۈم، كاپىتال بىلەن ئەمگەك، تېخنىكا بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى تېخنىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولغان تەسىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى تەرەققىيات مېۋىسىدىن بەھرىلەندۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ يىل بېكىتىلگەن سىغدۇرۇشچان ھەرىكەت كۈنتەرتىپى ھۆججىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقنى تۈگىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، مائارىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، ئاياللار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى 2 مىليارد 800 مىليون خەلقنىڭ بەخت - سائادەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىش ئورنى يارىتىشىنى كۈچەپ ئاشۇرىدۇ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق توپنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ، تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، قۇرۇلمىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش زىددىيىتىنى پەسەيتىدۇ. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، جۇڭگو شەھەر - بازارلاردا ھەر يىلى 13 مىليوندىن كۆپرەك يېڭى ئىش ئورنى يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بىز ئېرىشكەن بىر مۇھىم ئىلھام شۇكى، بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە جەزمەن تۆلەيدىغان بەدەل بولمايدۇ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەكسىچە ئىسلاھات، تەرەققىياتنى يېتەرلىك ئايلىنىش بوشلۇقىغا ئىگە قىلىدۇ.

  تۆتىنچى، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى ئامىللىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەممىمىز ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا تەۋە ، بىر - بىرىمىزگە زىچ باغلانغان، تەقدىرىمىز تۇتاش. بىز تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ۋە سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش - ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈش ۋە ئوخشىمىغان قاراشلارغا ھۆرمەت قىلىپ، ئەۋزەللىكلەرنى ئۆزئارا تولۇقلاش، ھەمكارلىشىپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەرەققىياتتىن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئۆز مەنپەئىتىمىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، سىياسەتنىڭ سەلبىي تاشقى تەسىرىنى ئازايتىشىمىز كېرەك. بىز ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۆنىلىشى ۋە رامكىسىنى بېكىتتۇق، ئۇنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش قارىشى ئاساسىدا، جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەرەپلەرنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. بۇ يىل 5- ئايدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى. جۇڭگو بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەمراھلار بىلەن بولغان سىياسەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماس ھەمتۈرتكە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ.

  خىزمەتداشلار!

  كۆپچىلىك جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ناھايىتى دىققەت قىلىۋاتىدۇ. ئۆتكەن ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قېتىملىق قۇرۇلتىيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بىز مەۋقەنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدەك تارىخىي ئورنىغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش باش ۋەزىپىسىنى كۆزلەپ، كەلگۈسى بىر مەزگىللىك ئاساسىي تەدبىر ۋە تەرەققىيات پىلانىنى بېكىتتۇق. بىز خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات تەكشى بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىمىز. بىز يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز. ئىشىنىمەنكى، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ تولۇق، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك، دۇنياغا تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان جۇڭگو ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيا ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

  كۆپچىلىككە رەھمەت.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋىيېتنام داناڭ، 11- نويابىر تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 71گە قارشى 84نومۇر بىلەن سىچۈەن كوماندىسىنى يېڭىپ، مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى
  • ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات ئۆمىكى كۇچادا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى
  • ئۈرۈمچىدىن تاشكەنتكە بىۋاستە قاتنايدىغان تۇنجى يۈك پويىزى يولغا چىقتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى