تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام زۇڭلىسى رۈەن چۈنفۇ بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋىيېتنام داناڭ، 11 - نويابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ۋىيېتنامنىڭ داناڭ شەھىرىدىكى مەمۇرىيەت مەركىزىدە ۋىيېتنام زۇڭلىسى رۈەن چۈنفۇ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنىڭ داناڭ شەھىرىنىڭ مەمۇرىيەت مەركىزىگە كەلگەندە، رۈەن چۈنفۇ دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ شى جىنپىڭنى كۈتىۋالدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە تىزىلىپ تۇردى.

  شى جىنپىڭ يېقىندا ۋىيېتنامنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسىم رايونلىرىنىڭ ئېغىر تەيفېڭ بورىنى ئاپىتىگە ئۇچراپ، ئېغىر تالاپەت بولغانلىقى ۋە مال - مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رۈەن چۈنفۇدىن ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشىنىمىزكى، ۋىيېتنام پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپەت رايونىدىكى خەلق ئاپەت ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. جۇڭگو ۋىيېتنامنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قوللايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەتە مەن خانويغا بېرىپ، ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىمنى باشلايمەن. ھازىر جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىماقتا. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرىنىڭ ئۆزئارا زىيارىتى كۆپەيدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق چوڭقۇرلاشتى، ئادىمىيەت ئالاقىسى جانلاندى، كۆپ تەرەپتىن ماسلىشىشى قويۇقلاشتى. جۇڭگو ۋىيېتنام بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەن بۇ قېتىمقى زىيارىتىمدە ۋىيېتنام رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو - ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق - ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم تاشلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەققەززامەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىمۇ ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا. بىز جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ ۋە تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ۋىيېتنامدىن ئىبارەت كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئىككى سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو - ۋىيېتنام ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» قۇرۇلۇشىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد - سودا، پۇل مۇئامىلە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى جانلاندۇرۇپ، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام دوستلۇقىنى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشتە ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  رۈەن چۈنفۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تۇرغۇزۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، يولداش شى جىنپىڭنىڭ يەنە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى قۇتلۇقلايمەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى بولۇپ ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ۋىيېتنام جۇڭگو بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن خۇشال بولۇپ، ئۇنى سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دەپ قارايدۇ. ۋىيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش ۋىيېتنام پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى ئالدىنقى تاللاش. ۋىيېتنام جۇڭگونىڭ قىلغان ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، ۋىيېتنام - جۇڭگو ھەمكارلىقىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، جۇڭگو بىلەن مەبلەغ سېلىش، سودا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، پەن - تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى، ئېلېكتىر، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىك، ساياھەت، مەدەنىيەت قاتارلىق ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار، جۇڭگو تەرەپتىن ھەمراھ بولۇپ بارغانلار ۋە ۋىيېتنام كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن زۇڭلى جاڭ خېپىڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 71گە قارشى 84نومۇر بىلەن سىچۈەن كوماندىسىنى يېڭىپ، مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى
  • ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات ئۆمىكى كۇچادا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى
  • ئۈرۈمچىدىن تاشكەنتكە بىۋاستە قاتنايدىغان تۇنجى يۈك پويىزى يولغا چىقتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى