تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى جەزمەن يىلدىن يىلغا ياخشىلىنىدۇ

  − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن (4)

  «خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

  خەلق پارتىيەمىزنىڭ تۈپ ئاساسى ۋە جان تومۇرى، كوممۇنىستلار مەڭگۈ خەلقنىڭ غېمىنى يەيدۇ.

  بەش يىل ئىلگىرى يېڭىلا پارتىيەنىڭ باش شۇجىسى بولغان شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېگەن: «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز». كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان بۇ ھۆكۈم ھازىر پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىغا كىرگۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 25- كۈنى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە، 2020- يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كوردىنات قىلىپ، «شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى جەزمەن يىلدىن- يىلغا ياخشىلىنىدۇ» دەپ قايتا تەكىتلىدى. بەش يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي نۇقتىغا كەلدى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، «خەلقنى مەركەز قىلىش» ھېلىھەم ئەڭ ئاساسىي ئىدىيە، «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى» باشتىن- ئاخىر باش نىشان بولىدۇ.

  يۈكسەك ئەسلىي مەقسەت مۇقەددەس زېمىنغا مۆھۈر بولۇپ بېسىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزىغا چۈشكەندە تۇرغان شەنشىنىڭ لياڭجياخې كەنتىدىكى زور ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن بايان قىلدى: ئەينى چاغدا بىر نەچچە ئايغىچە تۈزۈكرەك گۆشمۇ يېيەلمەيتتۇق، ھازىر يۇرتداشلار خىش- كاھىشلىق ئۆيلەردە ئولتۇرىدىكەن، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىدىكەن. غەربىي رايوندىكى بۇ كىچىك كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەر بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ دۇنيانى ھاڭ- تاڭ قالدۇرىدىغان تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. چاغانلىق ئۆيگە قايتىشنىڭمۇ «دۇنيادىكى ئەڭ زور كۆلەملىك نوپۇس كۆچۈش»نى شەكىللەندۈرىدىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ بىر دۆلەتتە، جۇڭگو كومپارتىيەسى 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك كىشىدىن «بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي» ھەممىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ، بۇ 1000 يىللىق ئارزۇنى شانلىق رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۇلۇغ ئىشنى روياپقا چىقىرىشقا قەسەم قىلدى. مانا مۇشۇنداق ئۆزگەرمەس ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ پارتىيەمىزنى باشتىن- ئاخىر «جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەش»كە ئىلھاملاندۇرۇپ كەلدى؛ مانا مۇشۇنداق خەلققە باغلانغان چوڭقۇر رىشتە كومپارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان جۇڭگودا خەلق تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

  رېئاللىق ئەڭ ياخشى ئۇستاز. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلغان پەيتتە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە بىرلىشىپ ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىم − «جۇڭگو: شى جىنپىڭ دەۋرى» قويۇلۇشى بىلەنلا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. 37 دۆلەت ۋە رايوندا بەس- بەستە قويۇلغان بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى بەش يىل، ئاددىي كىشىلەرگە ئېلىپ كەلگەن تەقدىر ئۆزگىرىشى بايان قىلىنغان، بىرىنچى قىسمىغا «خەلققە مۇھەببەت» دەپ نام قويۇلغان. بەش يىل دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەش، لياڭجياخېدىن چىققان چوڭ دۆلەت داھىيسى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ جەمئىي 151 كۈندە 50 قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ھال- ئەھۋالىنى سوراپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالغان، ھەقىقىي نامراتلارنى زىيارەت قىلىپ، قارشى تەدبىر ئۈستىدە ئويلانغان، بۇ «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش»تەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى جانلىق شەرھلەپ بەردى. «بىر مىنۇتتا 20 نەچچە كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»تەك تارىخىي مۆجىزە، ئەنگلىيە نوپۇسىغا باراۋەر كېلىدىغان يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىش ئورنى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى تېزلەتكەن شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى... بەش يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا ئادەملەردە ئەڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، ئادەملەرگە ئەڭ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈلدى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى مەملىكەت خەلقىگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

  بۈگۈنكى جۇڭگو يېڭى دەۋرنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: يېڭى دەۋر مەزمۇنىنىڭ بىرى − «پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىپ، ئۈزلۈكسىز گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىش دەۋرىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش» دەپ تەبىر بېرىلدى. بۇنىڭدىن كىشىلەر يېڭى دەۋردىكى قىممەت ئىنتىلىشىنى كۆردى، تېخىمۇ مۇھىمى، يېڭى مۇساپىدە ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراقلىقىنى ھېس قىلدى. بۈگۈنكى جۇڭگودا «تەكشى بولمىغان، يېتەرلىك بولمىغان تەرەققىيات» بىلەن «خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى»نى قاندۇرۇش ئارىسىدىكى پەرق دەل كوممۇنىستلار ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلىدۇر. جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەت ئۆزگىرىشىنى ئومۇمىيەتكە چېتىلىدىغان تارىخىي ئۆزگىرىش دېيىشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى، بۇنىڭغا مىليونلىغان خەلقنىڭ ئىقتىسادى، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ئىشلار، ئېكولوگىيە جەھەتلەردىكى ئارزۇسى، شۇنداقلا كوممۇنىستلارنىڭ ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۇلۇغۋار ئىرادىسى يۈكلەنگەن. خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتىدۇ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى جەزمەن يىلدىن- يىلغا ياخشىلىنىدۇ.

  100 نەچچە يىل ئىلگىرى، سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسىدىكى بىر گېرمانىيەلىك ئوفىتسېر كۈندىلىك خاتىرىسىگە خۇرسىنغان ھالدا مۇنداق دەپ يازغان: «19- ئەسىردە جۇڭگولۇق بولۇش نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق». ئورنىدىن دەس تۇرۇش، باي بولۇشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان بۈگۈنكى جۇڭگو تارىختىكى ھەر قانداق مەزگىلدىكىگە قارىغاندا مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە بەكرەك يېقىنلاشتى؛ بۈگۈنكى جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار ئىشنى تاماملاشقا تارىختىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئىشەنچىسى ۋە ئىقتىدارى بار. خەلق بىلەن مەڭگۈ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولساقلا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن پاراخوتنى جەزمەن دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىتىپ، شانلىق قىرغاققا غەلىبىلىك باشلاپ بارالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- نويابىر تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى