تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنى تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي، قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن (3)

  «خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

  «خىزمەتلىرىمىز ئىنسانىيەت تارىخىغا يېزىلىدۇ». ماۋ زېدۇڭنىڭ 1949- يىلى كۈزدە مەردانىلىك بىلەن ئالدىن بەرگەن بۇ بېشارىتى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشى ئارقىسىدا، ھازىرقى جۇڭگونىڭ رېئاللىقىغا ئايلاندى. 2017- يىلى كۈزدە يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلار يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، تارىخنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

  «2019- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز»، بۇنىڭغا ئاساسەن ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشنىڭ تارىخىي ئورنىنى بېكىتىمىز؛ «خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنى تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي، قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز»، بۇنىڭغا ئاساسەن داۋاملىق كۈرەش قىلىشنىڭ دەۋر بۇرچىنى ئايدىڭلاشتۇرىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 10- ئاينىڭ 25- كۈنى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىدا قىلغان سۆزى بىر دۆلەتنىڭ بۈيۈك ئىرادىسى ۋە ئىپتىخارلىقىنى ئۇرغۇتتى. خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرىپى تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالدى، شۇنداقلا كەلگۈسى يېزىلدى. بۇ شەرەپ مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىغا مەنسۇپ، بۇ مەسئۇلىيەت بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە مەنسۇپ.

  1949- يىلى دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىدىكى ھەربىي پاراتتا، ئايروپىلانىمىز بەك ئاز بولغانلىقتىن، ئىككى قېتىم ئۇچۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى ھېلىھەم ئېسىمىزدە؛ 1984- يىلى دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدىكى ھەربىي پاراتتا، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ «ئۇيقۇدىكى شەرق گىگانت ئادىمى ئويغاندى» دەپ ساراسىمىگە چۈشكەنلىكىمۇ ھېلىھەم ئېسىمىزدە. ۋاھالەنكى، بۈگۈنكى قۇدرەتلىك ئارمىيەمىزنىڭ جۇرىخېدىكى ھەربىي پاراتىنى كۆرگەن دۇنيا «جۇڭگو ئادەتتىكىچە قۇدرەتلىك ئەمەسكەن» دەپ خۇرسىندى. خارابىلىكنىڭ ئورنىنى ئاۋات مەنزىرە ئالدى، چولاق كەتمەندە بوز يەر ئېچىشتىن گۈللىنىشكە يۈزلەندۇق، ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارىمىز دۇنيادا 2- ئورۇنغا ئۆتتى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتىمىز %30تىن ئاشتى... يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان جۇڭگو ئەمدى «جۇڭگونىڭ جۇڭگوسى»، «ئاسىيانىڭ جۇڭگوسى» بولۇپلا قالماستىن، يەنە «دۇنيانىڭ جۇڭگوسى»غا ئايلىنىپ، ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىجادچانلىققا باي «جۇڭگو لايىھەسى» بىلەن تەمىنلىدى. ئالدى بىلەن بىر نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئىزدىنىشىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاندىن بىر مىللەتنىڭ ئارزۇسىغا يېتىش يولىدا مېڭىپ، خەلق جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولغان ۋاقىت تۈگۈنىگە يەتكىنىمىزدە، ئەجدادلارغا ئىپتىخارلانغان ھالدا: مانا بۇ سىلەر ئارزۇ قىلغان گۈللىنىش دەۋرى، دېيەلەيمىز.

  تارىخ بوران- چاپقۇنلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ. ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ شانلىق مۇساپىدە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىشى، خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىشى ئارقىسىدا، ئېغىر ئازاب- ئوقۇبەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، باي بولۇشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئارقا- ئارقىدىن ئۇلىشىپ كەلگەن بۇ يولدا، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى بىر ئابىدە تىكلىدى. مۇشۇ نۇقتىدىن يولغا چىقساق، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقالايمىز. يېڭى تارىخىي ئورۇندا تۇرۇپ، ئېغىر ئازاب- ئوقۇبەتلەردىن كېيىن شەرەپ قۇچقان، خارابلىشىشتىن كېيىن غەيرەت- جاسارەتكە تولغان جۇڭگونى، سوتسىيالىزمنىڭ پۈتۈنلەي يېڭىچە ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان جۇڭگونى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن جۇڭگونى، تارىخنى يارىتىش قىزغىنلىقى، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىقتىدارى، داۋاملىق مۆجىزە يارىتىش ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلەيمىز.

  «دۇنيادا باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بۇنداق ئېنىق پىلانى بولۇپ باقمىغان، بۇ نۇرغۇن كىشىنى ھەيران قالدۇردى»، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى سۈرەتلەپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلان دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى مۇساپىسىمۇ مۇشۇ يەردىن باشلانغۇسى. زامانىۋىلىشىشنى 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك نوپۇس بىلەن ئومۇميۈزلۈك بىرلەشتۈرۈش، 10 تىرىليون دوللاردىن ئاشىدىغان ئىقتىسادىي كۆلەمنىڭ سۈپەتلىك ئېشىشىنى ساقلاش، ئېكولوگىيە بىلەن تەرەققىياتنى ماسلاشتۇرۇش، ئالدىن بېيىش بىلەن ئورتاق بېيىشنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئېشىش بىلەن تىپ ئۆزگەرتىشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش جەريانىدا، «جۇڭگو» ناملىق غايەت زور پاراخوت ئىلگىرىلەش مۇساپىسىنىڭ ھەر بىر بۆلىكىدە دولقۇنلارنىڭ سىنىقىغا دۇچ كەلدى، لېكىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مىليونلىغان خەلق يەڭنى تۈرۈپ بىر نىيەتتە ئىشلىگەندىلا، خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنى چوقۇم تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي، قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز.

  «جۇڭگونىڭ تەقدىرى خەلقنىڭ قولىدا، جۇڭگو خۇددى شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا ئوخشاش پارلاق نۇرىنى زېمىنغا چاچىدۇ». كۈنسېرى يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقان جۇڭگو جۇمھۇرىيەتنى قۇرغۇچىلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىماقتا، بىر ئۇلۇغ مىللەتنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى تېخىمۇ نامايان قىلماقتا. جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتىدۇ، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرگۈسى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- نويابىر تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 71گە قارشى 84نومۇر بىلەن سىچۈەن كوماندىسىنى يېڭىپ، مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى
  • ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات ئۆمىكى كۇچادا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى
  • ئۈرۈمچىدىن تاشكەنتكە بىۋاستە قاتنايدىغان تۇنجى يۈك پويىزى يولغا چىقتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى