تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تاماقنى يەپلا ئۇخلاش ئۆپكىگە زىيانلىق

  نۇرغۇن كىشىلەر تاماق يەپلا ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن، بولۇپمۇ ياشانغانلار تاماقتىن كېيىنلا ئۇخلايدۇ، بۇ بەدەنگە زىيانلىق. بەدەن قېرىلىشىشقا قاراپ ماڭغاندىن كېيىن، ئاشقازان ۋە كېكىردەك ئارىسىدىكى كىلاپان ئاسانلا ئېتىلىپ قالىدۇ. ئەگەر تاماقتىن كېيىنلا ئۇخلىغاندا ئاشقازاندىكى يېمەكلىك ۋە سۇيۇقلۇق ئاسانلا تەتۈر يېنىپ، ئۆپكىگە كىرىپ ئۆپكە ياللۇغىغا سەۋەب بولىدۇ. ياشانغانلارنىڭ ئىچكى مۇھىتتىكى ئۆزىنى تەڭشەش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغاچقا، ئاسانلا بەدەن ئىقتىدارىدا توسۇلۇش كۆرۈلىدۇ، ھەتتا يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ. شۇڭا ياشانغانلار ئەڭ ياخشىسى تاماق يەپلا ئۇخلاشتەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىشى، ئۈچ ۋاخ تاماقتىن كېيىن ئازراق ھەرىكەت قىلىپ، تاماق سىڭدۈرۈشى كېرەك.

«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى