تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنلىرى خىزمىتىمىزنىڭ كوردىناتىدۇر

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن (1)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  تارىخنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ۋاقىت قايتىدىن باشلاندى.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ‹‹ئارزۇ كوماندىسى›› ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇساپىسىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى دەۋرنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى نامايان قىلدى.

  ‹‹جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسى جەريانىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ››، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىشقا ئىرادە تىكلىگەن بولۇپ، 100 يىل دەل ئۇنىڭ يېتىلىۋاتقان مەزگىلىدۇر››، ‹‹تارىخنى خەلق يازىدۇ››، ‹‹چوڭ چوڭدەك بولۇشى كېرەك››، ‹‹كىشىلەر ماختىمىسىمۇ مەيلى، زېمىننى ساپ ھاۋاغا تولدۇرساقلا بولدى››... يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى 10 – ئاينىڭ 25 – كۈنى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىلغان سۆزلىرى ئەقىل – پاراسەت، ھېسسىيات، ئىشەنچكە تولغانىدى. باش شۇجىنىڭ جاراڭلىق سۆزلىرى كۈچلۈك زىلزىلە پەيدا قىلدى، بىزنىڭ كۈرەش ئىلھامىمىزنى قوزغىدى.

  2018 – يىلى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى؛ 2019 – يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى؛ 2020 – يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدۇ؛ 2021 – يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى... باش شۇجى شى جىنپىڭ: بۇ مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنلىرى خىزمىتىمىزنىڭ كوردىناتىدۇر، دەپ تەكىتلىدى. ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي بىرىكىش مەزگىلىدە، بۇ ۋاقىت تۈگۈنلىرى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، بىزنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا كۆرسىتىلگەن يېڭى مۇساپە بويىچە ئالغا ئىلگىرىلەش رىتىمىمىزنى، خىزمەت ئورنىمىزنى بېكىتىپ بەردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆزلەپ، پىلانلاپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئېيتقان تارىخقا نەزەر تاشلاش، ۋاقىت تۈگۈنلىرىنى چىڭ تۇتۇش، خىزمەت كوردىناتىنى تۇرغۇزۇش دېگەن بۇ سۆزلىرى ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە چوڭقۇر ئىلھام بولدى. ۋاقىت تۈگۈنلىرىنى كوردىنات قىلساق، ھالقىلارنى بىر – بىرىگە چېتىپ، ھەر بىر ھالقىدا غەلىبە قىلساق، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز؛ تارىخىي ئورۇندا تۇرۇپ ئۇلۇغ ئىشلارنى پىلانلىساق، ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرالايمىز، ئىشلىرىمىز توسالغۇسىز يۈرۈشىدۇ، نەزەرىمىز ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ. ۋاقىت تۈگۈنىدە تۇرۇپ ئۆتمۈشكە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، خەتەرلىك ‹‹تۆشۈك كېمە››دە ئورنىمىزدىن دەس تۇردۇق، ئىشنى ‹‹نامرات، ئاق››لىقتىن باشلاپ بېيىدۇق، ‹‹يەر شارىدىن قوغلاپ چىقىرىلىش›› گىرۋىكىدە تۇرۇپ قۇدرەت تېپىپ، ‹‹كىشىلىك دۇنيادا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر››نى بارلىققا كەلتۈردۇق. ۋاقىت تۈگۈنىدە تۇرۇپ كەلگۈسىگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتەك 1000 يىللىق ئارزۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ، زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت 100 يىللىق نىشان مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش بىزنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە چاقىرماقتا، ‹‹غايىمىز روياپقا چىقىش ئالدىدا›› تۇرماقتا. بۇلار تارىخنىڭ ۋاقىت تۈگۈنلىرىگە پۈتىلىدۇ، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ.

  ئۇلۇغۋار ئىشلاردا ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىش كېرەك. 40 يىللىق تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىگەندە، بىز ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش دولقۇنىنى پەيدا قىلىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە نامايان قىلدۇق؛ 70 يىل كۈرەش قىلىپ، كەلگۈسى تەرەققىيات ئۈچۈن يېڭى پىلانلارنى تۈزدۇق، بىز خەلق جۇمھۇرىيىتىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرىمىز، تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزىمىز؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بىرسىمۇ كەم بولماسلىق، بىرسىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك، بىز چوقۇم جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى يىلدىن – يىلغا ياخشىلايمىز؛ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، بىزنىڭ بۇ پىشىپ يېتىلىۋاتقان چوڭ پارتىيەمىز جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنلىرىنى خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كوردىناتى قىلساقلا، ئاندىن كىچىك ئىشلار ئارقىلىق چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلەش جەريانىدا چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز.

  ئادەم ۋاقىتنى ئىگىلىيەلەيدۇ، ئادەم ۋاقىتنى ئەھمىيەتلىك قىلالايدۇ. ۋاقىت نەگە كەتتى؟ ئۆتكەن بەش يىلدا ۋاقىت جەھەتتە تۆلىگەن بەدەل دەل بۈگۈنكى جۇڭگودا زور، چوڭقۇر تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ۋە نەتىجىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى؛ ۋاقىتنىڭ جەۋھىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ بىزگە كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە ئىشەنچ، يەنە 40 يىل ئىشلەشكە غەيرەت، يەنە 70 يىلنى بېسىپ ئۆتۈشكە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بېغىشلىدى. 19 – قۇرۇلتايدىن 20 – قۇرۇلتايغىچە بولغان بۇ بەش يىلمۇ مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنى بولۇپ، بىرىنچى 100 يىللىق نىشان ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق نىشاننىڭ مۇقەددىمىسى باشلىنىدۇ. ئەمدى بىز باسقۇچ خاراكتېرلىك نىشانغا ئاتلىنىپ، كېيىنكى كۈچ ئۇلاش ئۈچۈن كۈچ توپلاپ، شەرەپ ۋە ئارزۇنى تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يازىمىز.

  20 – ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرى لۇشۈن: ۋاقىت ئاققان سۇدەك ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ، جۇڭگو بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دېگەنىدى؛ 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرى يازغۇچىلار ۋاقىتنى ئون يىل كەينىگە سۈرۈپ، يوقاتقان ۋاقىتنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئارزۇ قىلىشقان. بۈگۈنكى جۇڭگو ئەمدى سۈكۈتتە تۇرمايدۇ، دېلىغۇلمۇ بولمايدۇ، بەلكى سالماق، ئىشەنچ بىلەن ۋاقىتقا يۈزلىنىدۇ. ۋاقىت تۈگۈنىنى ئىگىلەپ، ئىشنى بىر – بىرلەپ قىلىپ، يىلنى يىلغا ئۇلىساقلا، ئۇلۇغ ئارزۇنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جۇڭگو ئۈچۈن تېخىمۇ شانلىق كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى