تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

جياڭ خۇڭيەن ۋە ئۇنىڭ «نەۋرە»سى نادىرە ئەمەرجان

نادىرە ئەمەرجان ۋە ئۇنىڭ ئانىسى جياڭ خۇڭيەننىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولماقتا.

    29-ئۆكتەبىر، 2017-يىللىق «ئەڭ گۈزەل ۋاپادار ئۆسمۈرنى ئىزدەش» تېمىسىدىكى مەملىكەت بويىچە چوڭ تىپتىكى پاراۋانلىق پائالىيىتىنىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ئۈرۈمچىلىك 16ياشلىق نادىرە ئەمەرجان «ئەڭ گۈزەل ۋاپادار ئۆسمۈر»شەرىپىگە نائىل بولدى.
  نادىرە ئەمەرجان ئۆزى بىلەن بىر بىنادا ئولتۇرىدىغان جياڭ خۇڭيەن ئەر-خوتۇن بىلەن 7يىل ئىلگىرى تونۇشقانىدى. جياڭ خۇڭيەن ئەر-خوتۇننىڭ بالىلىرى ئالدىراش بولغاچقا، ئۇلارنىڭ يېنىدا بولالمايتتى. نادىرە ئەمەرجان دەرستىن چۈشۈپ جياڭ خوڭيەننىڭ ئۆيىدە ئۇلار بىلەن مۇڭدىشاتتى ۋە ئۇلارغا ياردەملىشىپ چامىسى يېتىدىغان ئىشلارنى قىلاتتى. مۇشۇنداق قىلىپ بۇ قىز جياڭ خۇڭيەنگە يەتتە يىل ھەمراھ بولدى.

    سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا، نادىرەنىڭ ئىش-ئىزلىرى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنى تېخىمۇ كۆپ ئادەملەر تونۇدى.  كۆپچىلىك ئۇنىڭ روھىدىن ۋە ئىش-ئىزلىرىدىن تەسىرلەندى.

    ئىگىلىنىشچە، «ئەڭ گۈزەل ۋاپادار ئۆسمۈرنى ئىزدەش» تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى پاراۋانلىق پائالىيىتى 2013-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئۇدا بەش نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىللىق پائالىيەتتە نادىرەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 10نەپەر ئۆسمۈر «ئەڭ گۈزەل ۋاپادار ئۆسمۈر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

    82 ياشلىق جياڭ خۇڭيەن ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىشىكى چېكىلگەندە خۇشال بولاتتى. چۈنكى ئۇ بۇ ۋاقىتتا ئىشىك چېكىدىغان ئادەمنىڭ باشقا بىرى ئەمەس، ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئولتۇرىدىغان «نەۋرە»سى نادىرە ئەمەرجان ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. نادىرە ئەمەرجانغا يەتتە يىلدىن بۇيان ھەركۈنى دېگۈدەك ۋاقىت چىقىرىپ جياڭ خۇڭيەن ئەر-خوتۇنغا ھەمراھ بولۇش ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەنىدى.

    29-ئۆكتەبىر، مۇخبىر ئۈرۈمچى نېفىت-خىمىيە سانائىتى رايونى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى جياڭ خۇڭيەننىڭ ئۆيىگە كەلدى. بۇ چاغدا نادىرە ئەمەرجان «موما»سىغا يېڭىدىن ئۆگەنگەن ئۇسسۇلىنى ئويناپ بېرىۋاتاتتى، موماي مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئۇسسۇلىغا چاۋاك چېلىۋاتاتتى.

   جياڭ خۇڭيەن مۇنداق دېدى: 7 يىل ئىلگىرى نادىرەنىڭ ئۆيدىكىلىرى بىزنىڭ بىناغا كۆچۈپ كەلدى. بىز ئاستى-ئۈستى ئولتۇرىدىغان قوشنىلاردىن بولۇپ قالدۇق. ھەر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇ بىزدىن ناھايىتى قىزغىن ئەھۋال سورايتتى. بۇ كىچىك قوشنام دەسلەپكى ۋاقىتلاردىلا بىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. نادىرە ئەمەرجان تاسادىپىي پۇرسەتتە جياڭ خۇڭيەن ئەر-خوتۇننىڭ بالىلىرىنىڭ ئالدىراشلىقى، يىراقتا تۇرىدىغانلىقى، ئۇلارغا دائىم ھەمرا بولالمايدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ جياڭ خۇڭيەننىڭ ئېغىر رېماتىزم كېسىلى بولغاچقا ئۇلارنىڭ كۆكتات سېتىۋېلىش، تاماق ئېتىش ۋە ئەخلەت تۆكۈش قاتارلىق ئىشلاردا قىينىلىدىغانلىقىنى بىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ نادىرە ئەمەرجان بىر ئائىلە كىشىلىرى جياڭ خوڭيەن ئەر-ئايالغا ھەمراھ بولۇشقا باشلىدى.

  تاڭزۇڭغا بايرىمىدا جياڭ خۇڭيەن ئەر-خوتۇن مەخسۇس نومى گۈرۈچى بىلەن چىلان سېتىۋېلىپ نادىرەگە زۇڭزا تۈگۈپ بېرەتتى؛ قۇربان ھېيتلاردا نادىرە ئاپىسى ۋە جياڭ خۇڭيەن ئەر-خوتۇن بىلەن بىرلىكتە ھېيت ئۆتكۈزەتتى.

  بۇ يىل ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، جياڭ خۇڭيەن قەدىناس ئېرىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئالتۇن توينى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بۇنداق ھەمراھلارغا نىسبەتەن بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئازابلىق ئىش، چوڭ يوقىتىش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاقكۆڭۈل، زېرەك  نادىرە ئەمەرجاننىڭ جياڭ خۇڭيەن موماينىڭ ئىشىكىنى چېكىدىغان سانىمۇ كۆپەيدى. ئۇنىڭ قەلبىدە بۇ موماينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئاللىبۇرۇن مەسئۇلىيەتكە ئايلانغانىدى. يەتتە يىللىق مېھرى-مۇھەببەت ئۇلارنى چەمبەرچاس باغلىغانىدى.

  جياڭ خۇڭيەن مەمنۇن بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئۇ ھەر كۈنى مەن بىلەن مۇڭدىشىدۇ، مېنى خۇشال قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئېرىم تۈگەپ كەتكەن كېچىسى، ئۇ مېنىڭ يىغا ئاۋازىمنى ئاڭلاپ يۇقىرى قەۋەتتىن ئالدىراپ چۈشۈۋاتقاندا پۇتى قايرىلىپ كېتىپتۇ. شۇ مەزگىللەردە، ئۇ ئاپىسىنىڭ ياردىمىدە مېنىڭ يېنىمغا ھەر كۈنى دېگۈدەك كىرىپ، ماڭا ھەمراھ بولدى، تەسەللىي بەردى.

  بۇ يىل نادىرە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىندى. مەكتەپ بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقى يىراق، ئوقۇش بېسىمى ئېغىر بولسىمۇ، ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك جياڭ خۇڭيەنگە ھەمراھ بولۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

  خاتىمە:  مىللەت، ياش ھالقىغان مېھىر-مۇھەببەت تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدۇ. 80 ياشتىن ھالقىغان جياڭ خۇڭيەن بىلەن ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن نادىرە ئەمەرجاننىڭ چوڭقۇر مېھرى، قوشنىدارچىلىق، «موما-نەۋرىلىك» گىرەلىشىپ كەتكەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىق روھىنىڭ كىچىككىنە بىر كارتىنىسىدۇر. 

- مۇھەررىردىن.

(پىراكتىكانت ساباھەت ئەركىن تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى