تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يېڭى شەكىلدىكى كوچا ئاپتوبۇس بېكىتى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا نامايان بولدى

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا يېقىندا يېڭى شەكىلدىكى كوچا ئاپتوبۇس بېكىتى نامايان بولدى. بېكەتتىكى بۇ يېڭى مەنزىرە ئەتراپ بىلەن بىرىكىپ تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم 14 بېكەت مۇشۇنداق ياسالغان بولۇپ، بۇ بېكەتنىڭ قار-يامغۇردىن دالىلىنىش ئىقتىدارى ئادەتتىكى بېكەتكلەردىن يۇقىرى ئىكەن، كېچىدە تېخىمۇ كۆركەم كۆرۈنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسسىنىش ساقلاش ئۆيىمۇ بېكەتنىڭ ئىچىدە ئىكەن.

 ئىگىلىنىشىچە، يېڭى شەكىلدىكى بېكەتنىڭ سىرتىغا چىرىشتىن، داتلىشىشتىن ساقلىنىدىغان ماتېرىياللار ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بېكەتنىڭ بىخەتەر ۋە گۈزەل بولۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان. ھازىرقى بېكەت لەمپىسىنىڭ كەڭلىكى 1.8 مېتىر بولۇپ، ئىلگىرىكى بېكەت لەمپىسىدىن 60 سانتىمېتىر ئۇزۇن ئىكەن. ئىسسنىش ساقلاش ئۆيىمۇ ئىلگىرىكى بېكەتنىڭكىدىن چوڭ بولىدىكەن. تەشۋىقات سىتونى بىلەن بېكەت كۆرسەتمىسى ئەتراپىغا نىئونلۇق چىراغ ئورنىتىلغانىكەن.

 ئىگىلىنىشىچە، بۇ 14 يېڭى شەكىلدىكى بېكەت گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش كىرا ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى 1 مىليون 365 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 71گە قارشى 84نومۇر بىلەن سىچۈەن كوماندىسىنى يېڭىپ، مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى
  • ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات ئۆمىكى كۇچادا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى
  • ئۈرۈمچىدىن تاشكەنتكە بىۋاستە قاتنايدىغان تۇنجى يۈك پويىزى يولغا چىقتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى