تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلايلى

   پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى ۋە ئۇنىڭ روھى مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا زور ئىشەنچ ئاتا قىلدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللىكتېپىنىڭ شاڭخەيگە، جېجياڭغا بېرىپ پارتىيە 1 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈشى ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەڭگۈ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك يۈكسەك بۇرچىنى، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشتەك مەڭگۈلۈك غايىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىشى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتتى.

   بۈگۈن ھۇزۇرۇڭلارغا شىنخۇا تورى 19 - قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىگەن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلايلى» ناملىق فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

- مۇھەررىردىن.

  2017-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى شى جىنپىڭ قاتارلىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى كوللېكتىپ نامايان بولدى.

  پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى يېپىلىپ بىر ھەپتە ئۆتۈپلا، شى جىنپىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ، شاڭخەيدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ئېھتىرام بىلدۈردى.

  31-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار جېجياڭ جياشىڭنىڭ نەنخۇ كۆلى بويىغا كېلىپ، قىزىل كېمىگە ئېھتىرام بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ: شاڭخەيدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي، جياشىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمە پارتىيەمىزنىڭ ئارزۇسى قاناتلانغان جاي، بۇ يەر پارتىيەمىزنىڭ يىلتىزى، تومۇرى.

  شى جىنپىڭ پارتىيە بايرىقى ئالدىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى تەكرارلىدى.

  شى جىنپىڭ: مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئۆز ئىختىيارىم بىلەن كىردىم، پارتىيە پىروگراممىسىنى ھىمايە قىلىمەن، پارتىيە نىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىمەن، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىمەن...

  شى جىنپىڭ: 96 يىلنىڭ ئالدىدا ئۇلۇغ بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان كىچىككىنە قىزىل كېمە ھازىر 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى زىممىسىگە ئالغان غايەت چوڭ كېمىگە ئايلاندى.

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياشلىق باھارىنى مەڭگۈ ساقلىغىلى بولىدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەيدىكەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت غايەت چوڭ كېمە جەزمەن دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، شانلىق غەلىبە قىرغىقىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بارالايدۇ.

  • 19 ـ قۇرۇلتاي روھى تەشۋىقاتى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قانات يايدۇرۇلدى
  • ياغاچ ئويما رەسىم ئاز سانلىق مىللەت مېيىپ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى
  • پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى