ئەلۋەتتە يۇيۇشقا بولىدۇ. نورمال ئەھۋالدا، كىندىكتە ئاسانلا كىر پەيدا بولىدۇ، بۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر، كىندىكتىكى كىرنى زادى يۇيۇش كېرەكمۇ-يوق، دەپ ئىككىلىنىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بۇ كىرلەر بولسا تېرىدىن ئاجرىلىپ چىققان ھۈجەيرە. تەر، چاڭ-توزاڭ قاتارلىقلاردىن شەكىللەنگەن ئارلاشما ماددا بولۇپ، بەدەننىڭ باشقا ئورۇنلىرىدىن يىمىرىلگەن كىرلەر بىلەن ھېچقانداق پەرقلەنمەيدۇ، شۇڭا ئۇلارنى يۇيۇۋېتىش كېرەك.
ئادەتتە، بۇ كىرلەر ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزمەيدۇ ھەم ھېچقانداق پۇرىقىمۇ يوق. ئەگەر سېسىق پۇراپ، قىزىرىپ قالغان بولسا، بەلكىم كىندىك ياللۇغى بولۇشى مۇمكىن. كىندىك ياللۇغى كۆپىنچە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كىندىكنى پەرۋىش قىلىشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ، چوڭلاردا بولسا قىسمەن تېرىنىڭ يېرىلىپ يۇقۇملىنىشى ياكى يەرلىك ئورۇننىڭ نەملىشىپ كېتىشى، تېرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، نامۇۋاپىق يۇيۇش قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
بەزىلەر كىندىكىنى كولاشقا ئامراق، ئەمەلىيەتتە، ئاستىراق كولىسا ھېچنىمە بولمايدۇ، بىراق ئالدىنقى شەرتى قول پاكىز، ھەرىكەت يىنىك بولۇشى كېرەك.
گەرچە كىندىكنىڭ ئىقتىدارى ئاللىقاچان چېكىنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا يەنىلا نېرۋا رېفلېكسى مەۋجۇت، كىندىكنى كۈچەپ كولىغاندا ئۇ غىدىقلىنىپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ناۋادا كىندىكنى بەك كۈچەپ كولىۋېتىپ زەخىملەنسە، دېزىنفېكسىيەلەشكە ۋە پاكىز تۇتۇشقا دىققەت قىلىپ، تېرىنىڭ يۇقۇملىنىپ كىندىك ياللۇغى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
«تەرمىلەر ژورنىلى»دىن ئېلىندى