ئاپېلسىن پوستىنىڭ تازىلاش ئىقتىدارى بار
تەييارلايدىغان ماتېرىياللار: ئاپېلسىن پوستى، قارا شېكەر، سۇ، ئاغزى ھىم بوتۇلكا
قارا شېكەر+ئاپېلىسىن پوستى+سۇ = 1:3:10 نىسبەت بويىچە تەييارلىۋالىمىز، بوتۇلكىدا ئالدى بىلەن قارا شېكەرنى سۇدا پۈتۈنلەي ئېرىتىمىز، ئاندىن ئاپېلسىن پوستىنى ئۇششاق توغراپ بوتۇلكىغا سېلىپ ئاغزىنى ئىتىمىز. ئېچىتىش ئۈچۈن ئازراق بوشلۇق قالدۇرۇپ قويۇشقا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك (3/1 بوشلۇق قالدۇرساق بولىدۇ). تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ ئاي قويۇپ قويىمىز، بىرىنچى ئايدا بوتۇلكا ئاغزىنى كۈندە چوقۇم بوشىتىپ، بوتۇلكا ئىچىدىكى گازنى ھاۋاغا چىقىرۋېتىشىمىز كېرەك. ئاندىن قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇشتا ئىشلەتسەك تەبئىي يۇيۇش سۇيۇقلىقى بولىدۇ.
ئاپېلسىن پوستىدا ئۇششاق بويۇملارنى ياسىغىلى بولىدۇ
ئاپېلسىن پوستىدا ياستۇق تەييارلىغىلى بولىدۇ
ئاپېلسىن پوستىنى پاكىز قەغەز ئۈستىگە قويۇپ، ئاپتاپتا يېرىم قۇرۇق ھالەتتە قۇرىتىۋېلىپ، ئىنچىكە كېسىۋالىمىز.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار : ئاپېلسىن پوستىنى ئەڭ ياخشىسى قەغەز ياكى رەخت ئۈستىگە قويۇپ قۇرۇتۇڭ، سۇلياۋدا قۇرۇتسىڭىز ھاۋا ئۆتۈشمەيدۇ.
قۇرىتىۋالغان ئاپېلسىن پوستىنى كىچىك داكىغا قاچىلاپ، ياستۇق ئىچىگە تىقىپ قويساق بولىدۇ
ئاپېلسىن پوستىدا گۈل تەييارلىغىلى بولىدۇ
ئاپېلسىن پوستى چىرىغى
ئاپېلسىن پوستىنىڭ ئۈستىگە ھەسەل قويۇپ چىلاپ، سۇ ئىچكەندە ئازراق قوشۇپ ئىچسەك ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ
قۇرۇتۇلغان ئاپېلسىن پوستىدا زىننەت بويۇملىرىنى ياسىغىلى بولىدۇ
سەي قورىغاندا ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ