يېقىندا ئوزۇقلۇقشۇناسلار مۇنداق دېيىشتى: «بىر قىسىم قان بېسىمىنى چۈشۈرىدىغان ۋە ئاغرىق توختىتىغان دورىلار، ئانتىبىيوتىك ۋە ھورمۇنلۇق دورىلار مەيدە ئېچىشىشنى پەيدا قىلىدۇ، بىراق بۇنداق ئالامەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەس ئەمەس».
ئوزۇقلۇقشۇناسلار يەنە مۇنداق دېيىشتى: « دورا يەپ بىر سائەتتىن كېيىن سودا سۈيى ئىچسە ياكى سودا سېلىنغان پىرەنىك قاتارلىق ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە، ئاشقازاننى تەڭشەپ مەيدە ئېچىشىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەلۋەتتە دورا يېگەندىن كېيىن ئاشقازان، ئۈچەي ياكى مەيدە ئاغرىسا، قىزىلئۆڭگۈچ كۆيگەندەك تۇيغۇ پەيدا بولسا، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالانماي بولمايدۇ».
ھەبىبە قاھار تەرجىمىسى