تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئېرىڭىزنى ئوغلىڭىزدەك تەنقىدلىمەڭ

   تۇرمۇشتا دائىم مۇنداق كۆرۈنۈشلەر كۆزىمىزگە چېلىقىپ قالىدۇ. ئاۋات كوچىدا ئايالى تەپ تارتماستىن ئېرىنى چۈشۈرۈۋاتقان؛ كۆڭۈللۈك ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا، خوتۇنى ئېرىنى قاچا يۇيمايدۇ، پولنى سۈرتمەيدۇ، پايپىقىنى رەتلىك قويمايدۇ، ئادەمگە كۆيۈنمەيدۇ، دېگەندەك «ناچار ئىللەتلەر»نى ساناپ تۈگىتەلمەيۋاتقان، قېشىدا ئولتۇرغان ئېرى يۈزلىرى شەلپەردەك قىزارغان ھالدا ھىجىيىپ گەپ قىستۇرالماي ئولتۇرغان... بۇنداق چاغلاردا بەزى ئەرلەر ئاياللار ئەر كىشىنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى قىلمىسا قانداق قىلغۇلۇق دېيىشى مۇمكىن.

   باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى ساقلىمايدىغان بۇ خىل ئاياللار خىزمەتدىشى، دوستى، ھەتتا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدا ئېرىنى خۇددى بالىسىنى تەنقىدلىگەندەك تەنقىدلەيدۇ. پىسخىكىدا ئۇلار«ئانىلىق خاراكتېرى» كۈچىيىپ كەتكەنلەر دەپ قارىلىدۇ. بولۇپمۇ 30 دىن ئاشقان ئاياللارنىڭ ئائىلە ئىشلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى باشقۇرۇشى بىرقەدەر كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلار تۇرمۇشقا ئەرلەردىن بەكرەك زېھنىنى سەرپ قىلىدۇ. شۇڭا، ئەرلەرنىڭ ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىگە، پايپىقىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرغان-ئالماشتۇرمىغانلىقىغا، كۆرۈپ بولغان گېزىت-ژۇرناللىرىنى جايىغا قويغان-قويمىغانلىقىغا، مۇنچىغا چۈشمىگىنىگە قانچە كۈن بولغانلىقىغا، ھەتتا پۇتىنىڭ تىرنىقىنى ئالمىغانلىقىغا نەچچە كۈن بولغانلىقىدەك ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەگەر ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئەسكەرتمىسىگە قۇلاق سالمىسا، ئاياللارنىڭ كوتۇلدىشى باشلىنىدۇ، ھەتتا بۇ دوستلارنىڭ سۆھبەت مەزمۇنىغا ئايلىنىدۇ.

   ئۇلارنىڭ ئائىلىدىكى ئىككى خىل رولىنى ئالماشتۇرۇۋېلىشىدىن پەيدا بولغان. ئانىلىق خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان ئاياللار بالىسىنىڭ ساغلام، ئېرىنىڭ ئىقتىدارلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق بۇ ئىككى خىل رولىنى ئېنىق پەرىقلەندۈرەلمىگەنسېرى، بالىغا بولغان تەربىيەنى ئېرىگە قىلىشقا باشلايدۇ. ئېرىنى خۇددى بالىسىدەك كۆرۈپ، مۇۋاپىق بولمىغان سورۇنلاردا ئىختىيارسىز ھالدا يۈز-خاتىرە قىلماي تەنقىدلەۋېرىدۇ.

   بۇنداق ئاياللار ئېرىنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ھەم كەلگۈسىگە مەسئۇل بولالايدىغان «چوڭ بالا» دەپ قارىشى، گەرچە پايپىقىنى ۋاقتىدا يۇيالمىسىمۇ، گېزىت-ژۇرناللارنى ئورنىغا قويالمىسىمۇ، تىرنىقىنى ۋاقتىدا ئالالمىسىمۇ ئۇنى يەنىلا ياخشى كۆرۈشى كېرەك. ئېرىڭىزنىڭ قوبۇل قىلىشىڭىز، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى چوڭايتىپ، كەمچىللىكىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئۇنى كەڭ  قورساقلىق بىلەن ياخشى كۆرۈپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، كەمچىللىكلىرىنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىشىگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلسىڭىز، سورۇن تاللىماي ئۇنى تەنقىدلەيدىغان ئادىتىڭىزنىمۇ ئاستا-ئاستا چۆرۈپ تاشلىيالايسىز.

«بەختلىك ئائىلىنىڭ سىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى