شىنخۇا تورى خەۋىرى: ياۋروپا ئالىملىرى يېقىندا تەڭ ئىيون تېخنىكىسى ئارقىلىق مارستىكى كاربون (Ⅳ )ئوكسىدنى بىۋاستە ئوكسىگېنغا ئالماشتۇرۇشتا ئۈمىد بارلىقىنى، بۇنىڭ كەلگۈسىدىكى مارس ئۈستىدە ئىزدىنىش سەپىرىدە ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلەشتىكى يېڭى بىر بايقاش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
پورتۇگالىيەدىكى لىسبون ئۇنىۋېرسىتېتى، پورتو ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە فرانسىيە پارىژ ئۇنىۋېرسال تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر بىرلەشمە تەتقىقات ئەترىتى ئەنگىلىيەدىكى «پىلازما پەن-تېخنىكا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئېيتىشىچە، مارستىكى ئاتموسفېرا بېسىمى ۋە تېمپېراتۇرا دائىرىسى غەيرىي ئىسسىق ئېنېرگىيەسى( ياكى تەڭپۇڭسىز ھالەت)دىن پايدىلىنىپ، تەڭ ئىيوننىڭ ياردىمىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوكسىگېن پەيدا قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىكەن. مارس ئاتموسفېراسىدىكى كاربون تۆت ئوكسىد مىقدارى %96كە يېتىدىغان بولۇپ، تەڭ ئىيونلۇق پارچىلاش ئارقىلىق ئوكسىگېن ھاسىل قىلىش غايىۋى شەرتى ھازىرلانغان.
تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق تەڭ ئىيون كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى پارچىلايدىغان ئەڭ ياخشى ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ كاربون (Ⅳ )ئوكسىدنى ئوكسىگېن ۋە كاربون چالا ئوكسىدقا پارچىلىيالايدىكەن. مارستىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق تەڭ ئىيوننى پارچىلاش ئۇسۇلى، مۇقىم، ئىشەنچلىك ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، ئۇنىڭدىن ئاجرىلىپ چىققان مونو ئوكسىدنى راكېتانى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى بىرىكمە يېقىلغۇ قېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، بۇ ئىنسانلارنىڭ مارسنى تەكشۈرۈشىنى ئىككى خىل ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدىكەن ھەمدە مارسنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ مارسنى تەكشۈرۈشتىكى ئەشيا ئوبوروتىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى ۋە تەننەرخنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.