تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

قانداق دوستلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئەرزىيدۇ

    1.سىزنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دوستلار. بۇنداق دوستلاردا تۇرمۇشتىكى گۈزەل شەيئىلەرنى بايقىيالايدىغان ئۆتكۈر كۆز بولىدۇ. ئۇلار سەمىمىي، ئۈمىدۋار بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۆرۈپ يېتەلەيدۇ، ساختا تەكەللۇپ ۋە خۇشامەت قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ روھىي-ھالىتى ئاكتىپ، دوستىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ئىلگىرىلىشىدىن خۇشاللىق بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ، ئەكىسچە خۇشامەت قىلمايدۇ ياكى يامان غەرەزدە رىقابەتلەشمەيدۇ. ئۇلار بىلەن دوست بولسىڭىز ئىلھامغا ئېرىشىپ ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپلا قالماستىن، ئالاقە داۋامىدا ئۆزىڭىزمۇ سەزمىگەن ھالدا ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆزىڭىزگە ھەم ئۆزگىلەرگە ئاكتىپ نەزەردە قارايدىغان بولىسىز.

     2.پۇرسەت تاپسىلا سىزنى يېڭى كۆز قاراش، يېڭى شەيئىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرىدىغان دوستلار. بۇ خىلدىكى دوستلار تۇرمۇشتا ناھايىتى جانلىق، زېھنىي كۈچى تولۇپ تۇرىدۇ. يېشىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلاردا بالىلارچە قىزغىنلىق ۋە قىزىققاقلىق بولۇپ، يېڭى شەيئىلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرگە باشتىن-ئاخىر قوبۇل قىلىش ۋە خۇشال بولۇش پوزىتسىيەسىدە قارايدۇ. ھازىرقى تۇرمۇشنىڭ ئۆزگىرىش رېتىمى تېز، يېڭى شەيئىلەرنى ئاسان قوبۇل قىلىپ تۇرىدىغان دوستلىرىڭىز بولغاندا، ھېچبولمىغاندا سەپنىڭ بەك ئارقىدا قالمايسىز.

    3.خىزمەت ۋە تۇرمۇش تەپەككۇرىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدىغان دوستلار. بۇ خىلدىكى دوستلار باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ. ۋاقىت چىقىرىپ سىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىز ۋە قىيىنچىلىقلىرىڭىزنى ئاڭلاشنى خالايدۇ. تەھلىل قىلىش، ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىشقا ماھىر بولۇپ، ھەمىشە ئىجابىي تەپەككۇر قىلىدۇ ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. مەيلى سىز ئاخىرىدا بۇ تەكلىپ ۋە لايىھەلەرنى قوللىنىڭ ياكى قوللانماڭ، بۇنداق دوستلار بىلەن پاراڭلاشسىڭىز دائىم تەپەككۇرىڭىز ئېچىلىپ، مەسلىلەرنى ھەل قىلىش ئىشەنچىڭىز ئاشىدۇ.

     4.خۇشخەۋەر بولسا تۇنجى بولۇپ سىزگە يەتكۈزىدىغان دوستلار. بۇ خىل دوستلار ھېسسىيات جەھەتتە سىزگە ئەڭ يېقىن بولۇپ، قولىڭىزغا قول، پۇتىڭىزغا پۇت بولالايدۇ. سىلەر ئۇزۇن يىللىق دوستلاردىن بولۇپ، مەيلى ھازىر پات-پات ئالاقە قىلىپ تۇرغان بولۇڭ ياكى بولماڭ، مۇھىم ئىشلارغا يولۇقسا، ئاۋۋال سىزگە ئېيتىشنى ئويلايدۇ. خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىۋاتقان چاغدا، سىز قارشى تەرەپنىڭ ھەسەت قىلىشىدىن ياكى قارشى تەرەپكە ماختىنىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويۇشىڭىزدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، دوستىڭىز سىز ئۈچۈن خۇشال بولىدۇ. بۇنداق دوستلارغا ئارتۇق گەپ ھاجەتسىز، ئۇلار بىلەن ھاياتلىق سەپىرىدە بىرگە مېڭىشنى خالىسىڭىز، ئۆزئارا قەدىرلىشىپ ئۆتىسىز.

«پەن ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

پىراكتىكانت سۈرىيە راشىدىن تەييارلىغان

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى