شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو خەلق بانكىسى بىلەن بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى بىرلىكتە ئاپتوموبىل قەرز پۇلىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى 8-نويابىر ئېلان قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، سېتىۋالغۇچىلار ئۆزى ئىشلىتىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قەرز پۇلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تارقىتىش نىسبىتى %85، نىمكەش ئاپتوموبىل قەرز پۇلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تارقىتىش نىسبىتى %70 بولغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۇقتۇرۇش 2018-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە ئىكەن.
جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى «چۇڭياڭ» پۇل مۇئامىلە تەتقىقات ئورنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى دۇڭ شىمياۋنىڭ چۈشەندۈرىشىچە: ئاپتوموبىل قەرز پۇلىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى سىياسەتلەر ھەم كىشىلەرنى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ھەم يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بولسا ھازىر ئاپتوموبىل بازىرىدا يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتىن نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بەكرەك قىزىدى، نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرىدىغان بۇ سىياسەتلەر ناھايىتى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىقتى.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆزى ئىشلىتىدىغان ئەنئەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئاپتوموبىل قەرزنىڭ ئەڭ يۇقىرى تارقىتىش نىسبىتى %80، ئەنئەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ سودا ئاپتوموبىل قەرزنىڭ ئەڭ يۇقىرى تارقىتىش نىسبىتىنى %70، ئۆزى ئىشلىتىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قەرز پۇلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تارقىتىش نىسبىتى %85، يېڭى ئېنېرگىيەلىك سودا ئاپتوموبىل قەرز پۇلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تارقىتىش نىسبىتى %75، نىمكەش ئاپتوموبىل قەرز پۇلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تارقىتىش نىسبىتى %70 ئىكەن.