تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

قارا شېكەرنى قايسى ۋاقىتتا ئىچسە ئەڭ مۇۋاپىق

      كۆپ ساندىكى ئاياللار ھەيز كېلىش مەزگىلىدە قورساق قىسمى ئاغرىغانلىق سەۋەبىدىن بىر ئىستاكان قارا شېكەر سۈيى ئىچىش ئارقىلىق بۇ خىل ئاغرىق سېزىمىنى  پەسەيتىدۇ، قارا شېكەر سۈيىنى ئىچىشنىڭمۇ قائىدىسى بار، ھەيز مەزگىلىدە قارا شېكەر سۈيى ئىچىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئۇ پەينى بوشىتىپ، قاننى جانلاندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئاشقازان، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار، قارا شېكەرنىڭ رولى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ۋاقىت تاللاپ ئاندىن ئىچىش لازىم، مەسىلەن، تومۇز ياز كۈنلىرى كۆپ ئىچسە، ئاسانلا ئىسسىقى ئۆرلەپ كېتىدۇ، قارا شېكەرنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، تەركىبىدە قەنت مىقدارى كۆپ، كۆپ ئىستېمال قىلىنسا زىيادە سېمىزلىكنى، دىئابېت قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىچسە بولمايدۇ. چۈنكى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ھەرىكەت قىلمىسا كېرەكسىز ماددىلار بەدەندە يىغىلىپ سالامەتلىككە زىيان ئەكىلىدۇ. چۈشلۈك تاماقتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان قارا شېكەر سۈيى ئىچسە، ھەيزدىن ئىلگىرىكى ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ ۋە ئالدىنى ئالىدۇ، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئىچمەسلىك كېرەك. چۈنكى ئەتىگەندە بەدەندىكى مېتابولىزم تېخى چىقىپ كەتمىگەن بولۇپ، بۇ چاغدا بىر ئىستاكان قايناقسۇ ئىچىش ئەڭ مۇۋاپىق.

     قارا شېكەر سۈيى ئاياللارنىڭ ھەيز كەلگەن چاغدىكى ئاغرىقنى پەسەيتىش ئۈچۈنلا تەييارلانغان ئەمەس، ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ ئىچىشىگە ماس كېلىدۇ، ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولسا، چىلان بىلەن قوشۇپ ئىچسە بەدەندىكى سوغۇقنى ھەيدەش، سوغۇق تېگىپ قالغان ۋاقىتتا ئازراق ئىچىپ بەرسە سوغۇقنى پەسەيتىش رولىنى بار. تۇغۇتلۇق ئاياللار، بالىلار ۋە قان ئاز كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ . قارا شېكەرنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنى  ئاسراش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، بەدەندىكى قارا پىگمېنتلارنى چىقىرىش، قارا پىگمېنتلارنىڭ ھاسىل بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېرىنى ئاقارتىش ئۈنۈمى بار ھەم  قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ، قان تولۇقلاشقا پايدىلىق. پەقەت ئەتىگەن تۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ۋە كەچتە ئۇخلاشتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئىچسە بولىۋېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى