تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

بىر يىلدا ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق چاچ بويىماسلىق لازىم

    ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئىستېمالچىلارغا چاچ بوياش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياخشىسىنى تاللاپ ئىشلىتىشنى ئاگاھلاندۇردى. بەزى چاچ بوياش مەھسۇلاتلىرىغا جۇڭيى دورىسى قوشۇلغان دەپ تەشۋىق قىلىنىدۇ، بۇ خىل چاچ بوياش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكىنىمىزدە، چاچنىڭ كۆرۈنەرلىك قارايغانلىقىنى ھېس قىلىمىز . ئەمەلىيەتتە بۇ مەھسۇلاتلارغا بوياق ماتېرىياللىرى قوشۇلغان، سودىگەرلەر پەقەت ئۇنىڭ تەركىبىدىكى جۇڭيى دورىسىنىلا تەشۋىق قىلىدۇ، ئەكس تەسىرىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمايدۇ. چاچ بوياش مەھسۇلاتلىرى ئالاھىدە گىرىم بۇيۇمىغا تەۋە بولۇپ، ئىستېمالچىلار بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئۇنى چۈشىنىشى، قارىغۇلارچە ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

    ئىستېمالچىلار ساتىراشخانىلاردا چاچ بوياتقاندا مەھسۇلاتنىڭ ئورالمىسىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. ساتىراشخانىلارنىڭ چاچ بوياش مۇلازىمەت ھەققىنىڭ يۇقىرىلىقىغا قاراپلا، ئۇلار ئىشلەتكەن بوياقلارنى پۈتۈنلەي بىخەتەر دەپ قاراشقا بولمايدۇ، شۇڭا بوياق باھاسى ۋە رەڭگىگە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ مەھسۇلات بەلگىسى ۋە تەركىبىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش، بولۇپمۇ، مەلۇم خىل تەركىب رىئاكسىيە قىلىدىغان كىشىلەر بۇنىڭغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

   چاچ بوياش ھەممىلا ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ، دائىم چاچ بوياش چاچ يېرىلىش، سارغىيىش، خۇنۈكلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، سالامەتلىككىمۇ كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مۇتەخەسسسىلەر، كىشىلەرنىڭ بىر يىلدا ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق چاچ بويىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

پىراكتىكانت ساباھەت ئەركىن تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى